دولقۇن ئەيسا «2018-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

«2018-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2-نويابىر كۈنى جەنۋە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى سارىيىدا خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان «2018-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى: خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىننى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە خەلقئارا ئالاقە مىنىستىرلىقى بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگاي ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت قاتارلىقلار سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت دا باشلىنىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتكەن. ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاي توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

يىغىن ئاخىرىدا سوئال-جاۋابلار ئېلىپ بېرىلغان. كۆپلىگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورىغان. دۇغ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تىپىك بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق ھەمدە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.