ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» يېقىنقى دوكلاتىداخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتۇپ تۇرۇش سەۋەبلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» ب د ت نىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن 1991 - يىلىدىن تارتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئادىل سوت تەرتىپى، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىدىغان بىر ئورگان. بۇ ئورگان ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ئەرزگە ئاساسەن ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن دېلوغا قارىتا يەكۈن چىقارغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى مەزكۇر گۇرۇپپىنى بىزگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئورگان ئادەتتە ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۇشۇنداق شەخسلەرنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش ئەھۋاللىرى كۆزىتىدۇ ۋە ھۆكۈمەتلەردىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم كۆرسىتىلگەن ئىسپاتقا قاراپ تۇرۇپ بۇ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشنىڭ ئادالەتلىك بولۇپ - بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ - قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يەكۈن چىقىرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختىنى قولغا ئالغانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنى 19 - مارت كۈنى تاپشۇرغان.

ئۇلار كۆرسەتكەن سەۋەبىدە ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنى ئۆچ كۆرۈشكە، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى، «ئۇيغۇر بىز تورى» ئارقىلىق ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، تېررور ۋەقەلىرىگە ئائىت پاكىتلارنى بۇرمىلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەر بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئارا مىللىي ئۆچمەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەرنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئۇلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىنىڭ ئاكادېمىك ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەيىبلەشكە قايىل بولمىغان.

خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتىدا «ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، قولغا ئېلىنىش جەريانلىرى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ 10 كۈنگىچە ھېچكىمگە ھەتتا ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغىمۇ خەۋەر بېرىلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولساقمۇ، ئەمما بۇ جاۋابنىڭ ھېچقانداق ئېنىق بىر دەلىل - ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئەيىبلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. گۇرۇپپىمىز بىر جىنايەت ئەيىبنامىسى چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆلچەملەر بويىچە ئېنىق پاكىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېيىلگەن.

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتىنىڭ يەكۈن قىسمىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دەرھال ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش داۋامىدا ئۇچرىغان ئازابلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۆلەم بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1998 - يىلى قول قويغان سىياسىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.

ب د ت غا قاراشلىق «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان يۇقىرىدىكى قارارنىڭ ھۆكۈمەتلەرنى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئەزاسى بولۇش ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا قول قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ قانۇن - نىزاملارغا قانچىلىك رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى باھالاش ۋە ئەلۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى مۇشۇنداق چوڭ خەلقئارا ئورگانلار ئېلان قىلغان كۈچلۈك ئىسپاتلار تۇرۇقلۇق ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرمىسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بىلەن ئىش قىلمايدىغان، خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەرنىمۇ قىلىچىلىكمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان بىر دۆلەتلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.