بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يېقىندا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە قوغداشقا ئائىـت يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، ئىننتېرنېتتىكى خۇسۇسىيلىقنى قوغداش - پىكىر ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى كەڭ يېيىش ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كام بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل، دەپ كۆرسىتىلدى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قوللانغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 22 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مەخسۇس ھالدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى، كىملىكىنىڭ قوغدىلىشى، پىكىر ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈستىدە توختالدى. 20 بەتتىن تەركىپ تاپقان دوكلات 5 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى، ئۇچۇر شىفرىلەش ۋە نامسىز قوللانغۇچى ۋە پىكىر ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكى، كۆز قاراش ئەركىنلىكىنىڭ دەخلى - تەرۇزسىزلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنتېرنېت دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىكى بارلىق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا ئۇلىشىش ئارقىلىق، ئۇچۇر ۋە پىكىرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، كۆز قاراش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور خىزمەت قىلماقتا. بىراق ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنتېرنېت ناھايىتى زور تەھدىت ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا. ئۇ، دەخلى - تەرۇز قىلىش، تەقىب ۋە بېسىم ئىشلىتىش ۋە شۇنىڭدەك مەخپى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش دېگەندەك تەھدىتلەر ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتە قوللانغۇچىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى شىفرىلەش ياكى نامسىز قوللانغۇچى ئۇسۇللىرى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. دوكلاتتا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل بىرلىكتە ۋە ئايرىم - ئايرىم ئۆز ئالدىغا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاش ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە پىكرىنى ئەركىن ھالدا بايان قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :
دۆلەتلەر ئىنتېرنېتنى تۈرلۈك تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق تەقىب قىلىدىغان بىر شارائىت ئاستىدا ئۇچۇر شىفرىلەش ۋە نامسىز قوللانغۇچىلىق ئادەتتە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ دەخلى تەرۇزىسىز ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، ئادۋوكاتلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى تەقىب قىلىنىشتىن ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش مەسىلىسى بەزى دۆلەتلەر ۋە بولۇپمۇ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تېررورچىلار، زەھەر ئەتكەسچىلىرى، ئادەم ئەتكەسچىلىرى قاتارلىق زور جىنايەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى دۆلەتلەر بۇنى ئۆزىنىڭ تەقىب قىلىش ۋە ئوخشىمايدىغان پىكىرلىكلەرنى ئەدەبلەيدىغان باھانىسى قىلىپ ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دوكلاتىدا، ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ جىنايى تەشكىلاتلار بىلەن كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، پىكىر - كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ «مەيلى قانداق بىر شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىش ۋە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كۆز قاراشقا ئىگە بولۇش ئەركىنلىكى مەۋجۇت، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا ئېنىق قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت» دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلەنگىنىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتكە قاراتقان تەقىبىنى قاتتىق كۈچلەندۈرمەكتە. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامى ئاستىدا پىكىر - كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى تەقىبكە ئالىدىغان، ئۇلارنى جازالاشنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان ھەرخىل قانۇن ماددىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورىدىكى ئابونتلارنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭدا «تور قوللانغۇچىلىرى ئىنتېرنېت تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە تىزىمغا ئالدۇرغاندا قوللىنىدىغان ھېسابات ئابونت نامى 9 تۈرلۈك شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. يەنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا، مىللىي كەمسىتىش قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر خىلاپلىق قىلىنسا، مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىش، ۋاقىتلىق ئىشلىتىشتىن توختىتىش ۋە تىزىمدىن چىقىرىۋېتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق ئوخشىمايدىغان پىكىرلىكلەرنى جازالىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تەقىبىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بولسا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، نىجات نىياز، دىلشات پەرھات، گۈلمىرە ۋە شۇنداقلا يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رېھىم ۋە شۇنىڭدەك ئىسمى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت قوللىنىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ دەرھال ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00