ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ب د ت ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇش، ۋە تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، 18-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتابى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

18-سېنتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئېچىلىدىغان تۇنجى كۈن بولۇپ، نامايىش قىلغۇچىلار ب د ت نىڭ خىتايدا بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنى، بولۇپمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇشتەك مەسىلىلەر ئۈستىگە جىددىي قارىشىغا چاقىرىق قىلدى.

بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن سۆز قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوخشىمىغان پىكىردىكى بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىكتە نامايىش قىلىشقا تەشكىللەشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىغىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ نيۇ-يوركتىن بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.