ب د ت نىڭ 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت مەركىزىدە چاقىرىلغان 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتېر ئىرۋېن ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاي خىزمەتچىسى شەھرىزات خانىملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەھرىزات خانىم ب د ت نىڭ 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خەلقئارانىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە يىغىنغا قاتناشقان 12 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، 38-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ 18-ئىيۇن كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى زەيىد رائاد ئەل-ھۈسەيىن ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان «خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى» ناملىق نۇتقىدا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار دۆلەتلەر قاتارىدا خىتاينى ساناپ ئۆتكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايغا كەلسەك، مېنىڭ ئىشخانام گەرچە ئۈنۈملۈك بىر دىئالوگ شەرتلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ خىزمەتچىلىرىم بۇ دۆلەتكە توسالغۇسىز كىرەلمىدى. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن تېز ناچارلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بولغان تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، گەرچە ئىككى نەپەر خىزمەتچىمىز ۋەزىپىگە بىنائەن بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى بىر قېتىم كىرگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 15 قېتىملىق ئىلتىماسىمىزنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.»
ئەل ھۈسەيىن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىدىن، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، بارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلمىلىرى ۋە تۈزۈملىرىگە بوي سۇنۇشقا چاقىرغان.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتېر ئىرۋېن ئەپەندى جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا 38-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا تەقدىم قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت دوكلاتنىڭ قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا بىزنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان تېمىمىز ئىدى. بىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ئاساسىدا ھازىرلىغان دوكلاتىمىزنى سۇنغان ۋاقتىمىزدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى ھەمدە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى زور قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى. دوكلاتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ سوئاللار سوراشتى. بۇ يىل 9-ئايدا ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى بولىدۇ. بۇ چاغقىچە بىز ب د ت دا جامائەت پىكىرى ھازىرلاپ، خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئالدىدا پاسسىپ ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈش، خىتاينىڭ كۈنسېرى ۋەھشىيلىشىۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا تىرىشىمىز. خىتاي تەرەپمۇ قولىدىن كېلىشىچە ئۆزىنى ئاقلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى يەنىلا ئادالەت تەرەپدارى، بىز بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ كەلمەكتە. بىز يەنە بىر قېتىم خىتاي ئۈستىدىن دىپلوماتىك غەلىبە قازىنىشىمىزغا ئىشىنىمىز.»
د ئۇ ق نىڭ يېڭى خىزمەتچى خادىمى شەھرىزات خانىم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ ھاسىل قىلغان تەسىراتى ھەققىدە توختالغاندا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
38-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 18-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنلار يەنە ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ خادىملىرى بۇ جەرياندا ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش بىلەن بىرگە 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا تەييارلىق قىلىدىكەن.
0:00 / 0:00