د ئۇ ق خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ كوچىدىكى خىتاي قوراللىق ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 16-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ كوچىدىكى خىتاي قوراللىق ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 16-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Elizabeth Dalziel

ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 96‏-نۆۋەتلىك يىغىنى بۇ يىل 6‏-ئاۋغۇست جەنۋەدە باشلىنىدۇ.

يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر كۆرۈپ چىقىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17‏-ئىيۇل ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىغا 11 بەتلىك دوكلات يوللاپ، خىتاينىڭ 2009‏-يىلدىن ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئاز كەم 10 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ ئۆتكەن ھەم بەزى ھالقىلىق سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار خىتاي جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تىنچ ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ تەخمىنەن بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئۇيغۇرلارغا كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئېغىر ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى مەقسەتلىك يوقىتىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» يولغا قويۇشتەك كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ، لوپنۇردىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇلاردا راك كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى پېتىر ئىرۋىڭ پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ تىپىك مىسالى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا دىكتاتورىلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بىر يەرگە بارماقچى بولسا، ئۇيغۇرلارغا كىملىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي پۇقرالىرىغا بۇنداق تەلەپ قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ توسالغۇسىز ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ناھايىتى ئېنىق كەمسىتىش. مانا بۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ تىپىك مىسالى».

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر كونكرېت ۋەقە، ھادىسە ۋە مىساللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىنى كەمسىتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، «ئىلھام توختىنىڭكىدەك ئالاھىدە دېلولاردىمۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن ئۇچرىشىشى نەچچە ئاي چەكلىنىپ كەلدى. دائىرىلەر دېلونى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەۋەر قىلماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى باھانە قىلىپ، قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان گۇماندارلارنى مەخپىي تۇتۇپ كەلدى. بۇ ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن ياكى گۇماندار نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كەتكەن دېلولاردىكى ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى» دېيىلگەن.

پېتېر ئىرۋىڭ ئىرقىي كەمسىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرىدىن كونكرېت سوئاللارنىڭ سورىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ: «بىز ناھايىتى كونكرېت سوئاللارنىڭ قويۇلۇشىنى ئىستەيمىز. مەسىلەن، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئاۋغۇستتىكى يىغىندا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىگە كونكرېت سوئاللارنى سورىشىنى، مەسىلەن، ئىلھام توختىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق، ئۇنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى، ئائىلىسى، ئادۋوكاتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى قىيىن بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇنى بېيجىڭغا يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن ئۇچرىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دېگەندەك سوئاللارنىڭ سورىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ۋاقتىدا 7 يىلدىن 11 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا قانداق جىنايەتلەرنىڭ ئارتىلغانلىقىنى بىلىشنى ئىستەيمىز» دېدى.

ب د ت ت دىكى ئالاقىدار ئورگانلار ھازىرغا قەدەر خىتايغا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن تەكلىپ تەۋسىيەلەرنى بەرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنىڭ بەزىلىرىنى رەت قىلىپ، بەزىلىرىنى ئىجرا قىلماي كەلدى. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كۈچى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن.

قاھار بارات: «ب د ت ھەربىي ئورگان ئەمەس، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ. ب د ت پەقەت كېلىشىم ۋە تۈزۈملەر ئارىسىدا خەلقئارا ئىنسانلار بىرلىكىنى قوغداشقا خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن، خىتاي ئۆز ئالدىغا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، قوبۇل قىلىش ئېلىپ بارمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ماسلاشمىسا سىرتتىكى دۆلەتلەر بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى.

بىراق دوكتور قاھار بارات ب د ت نىڭ تەسىر كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ماسلاشماسلىق يولىنى تۇتسا دۇنيادا يېتىم قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىككى تاللاش يولى بار. بىرى، يەنىلا بۇرۇنقىدەك دۇنيا ئاھالىسىنى كۆزگە ئىلماي ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان شەخسىيەتچى يولغا مېڭىش ياكى بولمىسا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش. لېكىن، ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ياكى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشى ئاجىز بولغاچقا خەلقئارادا يېتىم ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە پەقەت ئىقتىسادى ساھەدىلا ئەمەس، خەلقئارادىكى سىياسەت، ئىرق ۋە ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە ئۇنىڭ تۇتقۇن سىياسىتى ھازىرقى تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا يېتىم ئەھۋالغا قېلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» ماقۇللاپ، نورمال دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ئىپادىلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى، قەمبەر ئامبەر، ئەلى ياسىن، ئەزىز ئەمەت، ھۆرىگۈل ناسىر، ئابدۇسەمەت قارىھاجى، مەمەھەت رەھىم، مەمەت سىدىق ۋە باشقىلاردەك نۇرغۇن كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» سەۋەبلىك قانچە ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ نېمە، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ قانداق قانۇنىي قوغداشقا ئېرىشكەنلىكى، خىتايدا ھازىر قانداق دىنىي ئىبادەت قانۇنلۇق ھېسابلىنىدىغانلىقى، قانچىلىك ئۇيغۇر ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى. . . . . . . قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

ب د ت خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئاخىرقى قېتىم 2009‏-يىلى مەزكۇر كومىتېتنىڭ 75-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كۆرۈپ چىقىپ، خىتايغا بەزى تەكلىپ -تەۋسىيەلەرنى بەرگەن. لېكىن، خىتاي ئۆتكەن قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت