د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتماقتا.
11-سېنتەبىر باشلانغان، 27- سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ۋە قۇرۇلتاي خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندىلەر قاتناشماقتا ئىدى. ئۇلار بىرقانچە كۈندىن بۇيان يىغىنلاردا نۇتۇق سۆزلەش، ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىشتەك شەكىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ كەلگەن.
شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت دىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈن ۋە ئالدىنقى بىرقانچە كۈنلەردە ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بىزنى بىرقىسىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 18-سېنتەبىر كۈنى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، يىغىندىن كېيىن ب د ت نىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر مەسىلىسىگە مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە، تايلاند، كامبودژا، مىسىر قاتارلىق ئەللەردىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.
د ئۇ ق پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ئەپەندى، 11-سېنتەبىردىن باشلانغان ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەرخىل، دوكلات بېرىش قېتىم سانى كۆپ، ۋاقتى ئۇزۇن بولدى. بۇ سەۋەبتىنمۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئەلچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. بەزىلەر يىغىن مەيدانىدا ياكى سىرتقا چىققاندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە قاراڭغۇ بولغان نۇقتىلار ھەققىدە سوئاللار سوراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشكە تىرىشتى. د ئۇ ق تەرىپىدىن 2 ئايدىن بۇيان تەييارلىق قىلىپ ھازىرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتلار كۆپلىگەن كىشىلەرگە تارقىتىلدى. بۇنىڭ چوقۇم ياخشى تەسىرى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن».
بۈگۈن 19-سېنتەبىر كۈنى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۈگۈن يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە دوكلات ھازىرلىغۇچى خادىمى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئاڭلاتقان.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى 20-سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلىدىغان ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
0:00 / 0:00