23-نويابىر ب د ت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت ئادالەت مەركىزى ۋە ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسى» دا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دوكلات تەقدىم قىلدى.
21-نويابىر جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەركىزىدە باشلانغان «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنى 22-نويابىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 23-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسى» غا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت ئادالەت مەركىزى ۋە ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 4-نۆۋەتلىك «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسى» يىغىنى 23-نويابىر ب د ت نىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە باشلانغان. يىغىنغا ب د ت دا ۋەكىلى بولمىغان 30 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرى ھەققىدە دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.
23-نويابىر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى باش كاتىپى شىتېفان ئەپەندى بىلەن بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.
23-نويابىر چۈشتىن كېيىن د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە تايلاندنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالدىنقى يىلى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 109 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن ھەمدە ھېلىغىچە تايلاندتا تۇرۇۋاتقان 60 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىگە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
24-نويابىر ب د ت دا 9-نۆۋەتلىك «ئازسانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنى باشلانغان. د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان. د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ سۆز نۆۋىتى 25-نويابىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ يىغىندا جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋەكىللىرى سۆز ئالغان. خىتاي ۋەكىللىرى ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. نەتىجىدە خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋەكىللىرىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان.
مەلۇمكى، «ئازسانلىقلار مۇنبىرى» 2009-يىلى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس قارار ئېلىنىپ قۇرۇلغان ئالاھىدە مۇنبەر بولۇپ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئاز سانلىقلار» بولسا؛ نوپۇستا ئازسانلىق، تىل جەھەتتە ئازسانلىق، دىنىي گۇرۇپپا جەھەتتىكى ئازسانلىق قاتارلىق دۇنيادىكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئازسانلىق ئىنسانلارنى نەزەرگە ئالىدۇ ۋە بۇ مۇنبەر ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مۇنبەر ب د ت نىڭ ئالاھىدە قارار بىلەن قوغداش دائىرىسىگە ئېلىنغان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ «يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» دىن كېيىنكى يەنە بىر مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ.