خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى ئالدىدىكى تەييارلىق يىغىنلىرى كەسكىن بولدى
2018.11.05

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرغا قاماپ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە ئېچىلىدىغان بۇ يىغىن كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىش ئۈچۈن يىغىندىن ئاۋۋالقى ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلاشنى جىددىي داۋام قىلدۇرماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەممىسى جەنۋەگە يېتىپ كېلىپ، بۇ مۇھىم يىغىنغا تەييارلىق كۆرمەكتە شۇنداقلا يىغىن ئالدىدىكى يانداش پائالىيەتلىرىنى جىددىي داۋام قىلدۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ھالدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» نامىدا لاگېرلارغا سولىۋالغانلىقى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پۇرسەت، دەپ قارالماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت جۈمە كۈنى جەنۋەگە يېتىپ كېلىپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە: «بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇ جۈمە كۈنى جەنۋەگە كېلىپ بۇ يەردە «تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «جەنۋە مۇنبىرى يىغىنى» غا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان.
5-نويابىر، يەنى دۈشەنبە كۈنى، جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى بىلەن «ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىلەر-خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» تېمىسىدا بىر يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا يۇقىرىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە دوكلات بەرگەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى پېتېر ئېرۋىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. پېتېر ئېرۋىن سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مۇتلەق نازارەتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىدىغان يىغىن باشلىنىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەدىكى يىغىن مەيدانىنىڭ زالىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ رەسىملەردە خۇشال-خۇرام ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر كۆرگەزمە قىلىنىش ئارقىلىق، بۇ خەلقلەرنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
5-نويابىر كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇ «مانا بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ياخشى ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە قوغدىغانلىق» تېمىسىدا بىر خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلارنى ئاقلىماقچى بولدى. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «3-نويابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 50 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچى خوتەن شەھىرى ۋە خوتەن ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلىپ، «ئوقۇغۇچىلار» بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلەشكەن. بۇ تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەربىيەلەش ئورنى ئىچىگە كىرىپلا ئۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىللە يەپ، بىللە ئىچىپ، بىللە كۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بۇ تەكشۈرۈش ھەيئىتى توختىماي كېلىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان ۋە بۇ ئىللىق مەنزىرىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەن».
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شەپقەت ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى «بۇ يەردىكى ئۆگىنىش تۇرمۇش شارائىتىمىز بەك ياخشى، مەن ھەممىدىن قىزارتىپ قورۇلغان بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن. بىز بۇ يەردە خاتىرجەم ھالدا بىلىم ئېلىۋاتىمىز» دېگەن. خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىتاي تىلىدا «بەخت دېگەن مۇقىم بىر جەمئىيەتتە ياشاش دېمەكتۇر، بەخت دېگەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشتۇر» دېگەن سۆزلەرنى يادلاپ بەرگەن.
خەۋەردە بۇ ئورۇنلاردا ئوقۇش ئارقىلىق دىنى رادىكاللىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى كۆرگەن بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرىنى قوللىغانلىقى، بۇنى تېررورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتىكى ناھايىتى توغرا تەدبىر بوپتۇ، دەپ باھالىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، 5-نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان بۇ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پولاتتەك پاكىتلار بىلەن خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردا يېتىۋاتقان قازاقلارنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە كەلگەن گېرمانىيەدىكى قازاق پائالىيەتچى ئۆمەربەكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىغىنغا لاگېردا يېتىۋاتقان 1000دىن ئوشۇق قازاققا ئائىت دەلىل-ئىسپات بىلەن كەلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر ئېرۋىن يۇقىرىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار ۋە مەتبۇئاتلاردا يىغىۋېلىش لاگېرى، جازا لاگېرى ۋە ياكى مېڭە يۇيۇش لاگېرى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىلىۋاتقانلىقى، بۇ ناملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇ يەردىكى شارائىتلارنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن مۇۋاپىقلىقىنى، چۈنكى بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بارلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ ئورۇندا ئۆلگەن 30 كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-نويابىر كۈنىدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاكتىپلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تېمىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 6-نويابىر كۈنى 21-ئەسىردىكى ئەڭ جىددىي بىر ۋەقە بولغان لاگېر مەسىلىسىنى خىتايدىن سوراش ياكى سورىماسلىق ئارقىلىق قاتتىق بىر مەيدان كىشىلىك ھوقۇق سىنىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.