خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى» دا جىددىي سوئاللارغا دۇچ كەلدى
2018.11.06
6-نويابىر كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سۆز بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن نۆۋەت بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن 45 سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ باھالىرىنى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن چۈشكەن پىكىر-تەكلىپلەرگە جاۋاب قايتۇردى.
ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر مەزگىلدە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى خىتاينى لاگېر مەسىلىسىدە ئىزاھات بېرىشكە قىستايدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ قارىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئورگانغا سۇنغان دوكلاتلىرىدا لاگېرلار ھەققىدىكى ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى تەمىنلىگەن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.
دەرۋەقە بۈگۈنكى يىغىندا غەرب دېموكراتىك ئەللىرى بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، چېخ، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، گوللاندىيە، شىۋېيىتسارىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى قاماۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ۋەكىلى لاگېر مەسىلىسىنى كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇشىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىزنىڭ قاتتىق دىققىتىمىزنى قوزغىماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى قاتارلىق بارلىق قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋاسىتىلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە يۈز مىڭلىغان ھەتتا مىليونلارچە تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز»، دېدى.
ئامېرىكا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ۋاڭچۇك، ئىلھام توختى قاتارلىق قاماقتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىمۇ قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاينى دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
شىۋېتسارىيە ۋەكىلى سۆزىدە: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنى رايونغا بېرىشقا چاقىرىمىز»، دېدى.
فىرانسىيە ۋەكىلى سۆزىدە: «بىز خىتاينى 18-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ ھەققىدە بېرىلگەن تەكلىپلەرنى ئىجرا قىلىشقا، بولۇپمۇ ئۇ يەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى خەلقلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»، دېگەنلەرنى بايان قىلدى.
ئىسلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيە ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، جۈملىدىن دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەنگلىيە ۋەكىلى سۆزىدە: «ئەنگلىيە خىتاينىڭ تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى ئازايتىشتىكى تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، بىراق خىتايدا يىغىلىش ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار كۈنسايىن چېكىنمەكتە. بولۇپمۇ بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتىمىز»، دېدى. ئۇ، خىتايغا بەرگەن تەكلىپىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى تەكلىپلەرگە ئەمەل قىلىپ، ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
فىنلاندىيە ۋەكىلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ياپونىيە ۋەكىلى سۆزىدە، ياپونىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيتىشىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
بۈگۈنكى يىغىندا بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلار ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ ۋەكىلى سۆزىدە گەرچە ئۇيغۇرلار ياكى لاگېر مەسىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بارلىق كىشىلەر، جۈملىدىن پەرقلىق مەدەنىيەتنى، پەرقلىق كىملىكىنى قوغداپ قالماقچى بولۇۋاتقانلارنىمۇ داۋاملىق قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ۋەكىلى سۆزىدە يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىققا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق، بۇ يەردە قوللىنىلىۋاتقان بەزى ئۇسۇللار، مەسىلەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشىغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئەندىشىمىزنى قوزغىماقتا. شۇڭا بىز بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆزلىرىگە چۈشكەن پىكىر-تەكلىپلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا خىتايدا پۇقرالارنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، دىنغا ئىشەنگۈچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى، جۈملىدىن پىكىر قىلىش، يىغىلىش ۋە دىنغا ئىشىنىش قاتارلىق ئەركىنلىكلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە دېگەنلىرىنى «ئەمەلىيەتتىن يىراق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى يۈچېڭ سۆزىدە: «بىز بۇنداق سىياسىي مەقسەتلەر چىقىش قىلىنغان ئەيىبلەشلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز»، دېدى.
ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مۇقىملىق دېگەن ئىنتايىن مۇھىم. تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئېيتتى. يەنە بىر خىتاي ۋەكىل، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بۇ ئورۇنلارنى پۈتتۈرگەنلەرگە دىپلوم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىغىنغا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېقىندا باشلىق قىلىپ بېكىتىلگەن ياسىن سىدىقمۇ ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋەكىللەر ئارىسىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى، 22 ئايدىن بۇيان رايوندا بىرمۇ ۋەقە چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى.