ب د ت دىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ھەققىدە جىددىي ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.07
bdt-xitay-lager-mesilisi.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى. 2018-يىلى 6-نويابىر، جەنۋە.
webtv.un.org

چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈپ كەلگەن ب د ت دىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى تۈنۈگۈن، يەنى 6-نويابىر كۈنى ئېچىلدى.

يىغىندا غەربتىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردىن 24 ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ۋە تىبەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 14 دۆلەت لاگېر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇلار خىتاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش سىياسىتى ھەققىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش نەتىجىلىرىگە ئۇتۇقلارنى تىلىگەن.

مەزكۇر يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، غەرب ئەللىرىدىن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ھەممە يەرنى قاپلىغان ئېغىر تەقىب سىستېمىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى «ئەمەلىيەتتىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەن» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭمۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بىز بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدىغان ۋە پاكىتنى كۆزگە ئىلمايدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز،» دېگەن.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئېلىنماسلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ھەم ياخشى ھەم ناچار نەتىجە بولدى. پەقەت قىسمەن دۆلەتلەرنىڭلا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆردۇق. بەزىلىرى قەتئىيلا بۇ توغرىلىق گەپ قىلىشنى خالىمايدىكەن. تۈنۈگۈن ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلەر شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. تۈركىيە ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› دەپ سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ‹ئۇيغۇر› ياكى ‹شىنجاڭ› دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالمىدى.»

مەزكۇر يىغىن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ دەرھال تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا 2013-يىلىدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، ۋىيېتنام، خىتاي خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرىدىن تەشكىللەنگەن مىڭدىن ئارتۇق ئادەم لاگېرلارغا سولانغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر باياناتتا نامايىشنىڭ تەپسىلاتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈنۈگۈنكى نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتقىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشنى ھەقىقىي تىلغا ئالغان دۆلەتلەر سانىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئازلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتېر ئىرۋىن ئەپەندى تۈنۈگۈنكى يىغىندىن ئۆز ئويلىغاندەك نەتىجە چىققان-چىقمىغانلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى تەخمىن قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈنكى يىغىندا 24 دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاز دېگەندە 14 دۆلەت لاگېرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. 125 دىن ئارتۇق دۆلەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قەتئىي تىلغا ئالمىدى. ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ جازا لاگېرىغا سولىنىشى كەسكىن تېما بولۇۋاتقان مەزگىلدە بۇ مەسىلىنىڭ تۈنۈگۈنكىدەك يىغىنلاردا تىلغا ئېلىنماسلىقى، بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ قەتئىيلا ئاۋاز چىقارماسلىقى ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى.»

سوفىي رىچاردسون خانىممۇ بۇ نۇقتىدا ئۆز كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئويلىغان بەزى مەسىلىلەر يىغىندا تىلغا ئېلىنمىدى. مەسىلەن، بىز خىتايدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ سانىنى بېكىتىپ چىققان ئىدۇق. شىنجاڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە جىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.»

ئاخىرىدا پېتىر ئىرۋىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا قارىتا بۇندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقلارنى تەھلىل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ياخشى بىر تاللاش، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قوللانماقچى بولغان ‹ماگنېتسىكىي قانۇنى› مۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ب د ت نىڭ ھەرخىل يىغىنلىرىدا ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ ئۈنلۈك قويۇۋېتىپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشىمىز كېرەك. بىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كۆپرەك ئاۋاز چىقىشىنى خالايمىز.»

يۇقىرىقى نۇقتىدا سوفىي رىچاردسون خانىممۇ پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ بېيجىڭغا لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭچە، تۈنۈگۈنكى يىغىندا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان 14 دۆلەت بىرلىشىپ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە لاگېرنى تاقاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى ئاقىلانە بىر تاللاش. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ب د ت تىكى كۈچىگە نىسبەتەن بۇ بەلكىم بەكمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل بىر يەرگە كېلەلىشى رېئال ۋە ئەمەلىيەتچان ئىش. بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشنى تەلەپ قىلىش.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.