13-ئاۋغۇست ب د ت دا چاقىرىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى «جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس،» دېدى.
10-ئاۋغۇست ب د ت ۋىلسون مەركىزىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن ئىدى. يىغىندا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 نەپەر ئالاھىدە دوكلات خادىمى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەك گائۇللې خانىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى.
بۈگۈن، 13-ئاۋغۇست كۈنى 49 نەپەر كىشىدىن تەشكىل تاپقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى جۈمە كۈنى سورالغان سوئاللارغا قارىتا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ئۇلار جاۋابلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي زۇلۇملارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن ئىنكار قىلدى. بۇ ھال ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلات خادىملىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۇت ئەپەندى «بىز ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى گەپنى ئەگىتىپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى،» دېدى. مەك گائۇللې خانىم بولسا «مەن سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاب ئالالمىدىم،» دېدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى يەم ھېلھې خانىم «مەن سورىغان سوئالىمنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، يەنە بىر سوئال سورايمەن: ئىلھام توختىنىڭ گۇناھى نېمە؟» دېدى. كومىتېتنىڭ باش دوكلات خادىمى م ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى. ئۇنداقتا، خىتايدا زادى مەسىلە مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ بىز نېمىنى تالاش-تارتىش قىلدۇق؟» دېدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېگۈدەك خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابلىرىدىن قانائەتسىزلەنگەنلىكىنى ھەر خىل ئىبارىلەر بىلەن ئىپادە قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى باشلىق 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ يىغىنلارغا قاتنىشىپ كەلمەكتە ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن نەق مەيداندا خىتاينىڭ بۈگۈنكى جاۋابلىرىنىڭ قانداق تەسىرات پەيدا قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، خىتاي تەرەپنىڭ ب د ت ئالاھىدە دوكلات خادىملىرىنى يالغانچىغا چىقىرىپلا قالماي، پۈتۈم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى يالغانچىغا چىقارغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر يالغانچى ئىكەنلىكىنى غەربكە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇرەھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مەسىلە ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. قەيسەر ئابدۇرەھىم سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 2 مىڭ يىلدىن بۇيان خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ئېغىزى-ئېغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. ئۇ «شىنجاڭغا بېرىپ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىمەن،» دېدى. ئۇنىڭ سۆزى داۋام قىلىۋاتقاندا زالدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى.
قەيسەر ئابدۇرېھىمدىن كېيىن تىبەتتىكى سوتسىيالىزم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان بىر نەپەر تىبەتلىك سۆز ئېلىپ، تىبەت خەلقىنىڭ تارىختىكى ھەرقانداق زامانغا قارىغاندا كۆپ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى داۋراڭ قىلدى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەپ، زالدىكىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى.
يىغىن خاتىمىسىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بارلىق خادىملىرى دېگۈدەك خىتاينىڭ جاۋابلىرىدىن قانائەتلەنمىگەنلىكىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتى. خىتاي تەرەپ بولسا ھازىر ئوچۇق جاۋاب بېرەلمىگەن بەزى مەسىلىلەرگە كېيىنرەك يازمىچە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلەر تەمىنلىگەن ئاساسسىز پاكىتلارغا تايىنىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغان جۇڭگوغا قارشى مەيداندا بولماسلىق» نى تەلەپ قىلدى.
تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۋا ئاگېنتلىقى ۋە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ب د ت دىكى ئوسال ۋەزىيىتىنى ئاقلىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىشقان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزگە جاۋابەن قىلغان سۆزىدە خىتاي تەرەپنىڭ بەكلا ئوسال بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىن خاتىمىسىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر نەپەر خادىمىدىن «خىتاينىڭ مۇشۇنداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغانمىدىڭىز؟» دەپ سورىۋېدى، ب د ت خادىمى كۈلۈپ تۇرۇپ «باشقىچە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان بولسام، پۈتۈنلەي خاتالىشاتتىم. ئۇلارنىڭ جاۋابى ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ - خىتاي» دەپ جاۋاب بەردى.
0:00 / 0:00