13-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىكى مۇنازىرىلەر (2)

0:00 / 0:00

ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن 10-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ دوكلات بەرگۈچىلىرى ھەرقايسى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراپ چىققان ۋە بۇ ھەقتە خىتايدىن سوئال سورىغان ئىدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گەي ماكدوگال شۇ كۈنكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئاشقۇنلۇقققا قارشى تۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زور كۆلەملىك بىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئايلاندۇرغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن بۇنىڭغا بىز ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەركەزلىرىدە، يەنە قالغان ئىككى مىليون كىشىنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيە مەركەزلىرىگە سىياسىي تەربىيە ئۈچۈن يىغىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە ئىستاتېسكىلىق مەلۇماتلار بار،» دېگەن.

13-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى خۇ ليەنخې جۈمە كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار ئۈستىدە توختالغاندا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لاگېرلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى يوق» دېگەن ئىدى. ئەمما ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زوراۋان تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى سوتلىدى ۋە قانۇن بويىچە قاماققا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە جىنايىتى يېنىك بولغانلارغا تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بەردى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ خىزمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە قانۇن جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدىغان تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇردى،» دېگەن.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گەي ماكدوگال خانىم يەنە خىتاي ۋەكىللەردىن سوئال سورىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قىلغان سۆزلەردە سورالغان سوئاللارغا ئىسپات كۆرسىتىپ جاۋاب بېرىشتىن بەكرەك ئىنكار قىلىشنىلا كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «سىلەر قايتا تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلدىڭلار، ئۇنداقتا بۇنىڭ توغرىسى نېمە؟ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر قايسى قانۇن بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان؟ سىلەر تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دېدىڭلار. مەن شۇ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ قېنى ئۇلار؟ بىز ئۇنى كۆرسەك، مەنچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىزگە بۇ قايتا تەربىيە لاگېرلىرى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانچىلىك كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. بۇنىسى يەنىلا قاراڭغۇ قالدى. سۆزۈڭلاردىن قارىغاندا، سىلەر بۇ قايتا تەربىيە ياكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش پروگراممىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمىدىڭلار. خىتايدا تېررورلۇققا چېتىلىپ سوت ئېچىلىپ جازا ئېلان قىلىنغانلارنىڭ سانىنى سىلەر ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكى› دەپ تەمىنلىمىدىڭلار. مەن بۇنى ئوچۇق -ئاشكارىلىق دەپ قارىمايمەن،» دېدى.

جۈمە كۈنىدىكى يىغىندا كومىتېت ئەزالىرىدىن فاتىما بىنتا داخ خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە چەكلىمە بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قانۇنلار بارلىقىنى سورىغان ئىدى.

13-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىدا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى يىغىندا فاتىما بىنتا خانىم ئۆزىگە سۆز نۆۋىتى كەلگەندە يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ جۈمە كۈنى سورىغان سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس ئىسلام دىنىنى نىشان قىلغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى ناھايىتى قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئالغان. بىز رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ‹ئەسەبىيلىك› دېگەن سۆزنىڭ يۇقىرىقى بۇ قانۇنلاردىكى ئىزاھاتىنى بىلىشنى خالايمەن،» دېدى.

10-ئاۋغۇست كۈنىدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىدىكىدىن سورالغان مۇھىم سوئاللاردىن بىرى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» مەسىلىسى ئىدى. كومىتېت ئەزالىرىدىن شېفىرد خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىل ئوقۇتۇشى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئانا تىلنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بارلىقىنى ئېيتىپ، خىتايدىن بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

13-ئاۋغۇست كۈنىدىكى يىغىندا بولسا خىتاي ۋەكىلى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» نىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنى بۇ رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ تەڭ باراۋەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» نىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ۋە بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ۋەكىل يەنە مەخسۇس قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىدى ۋە قوش تىل ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئانا تىل ئوقۇتۇشى يوق قىلماقچى دېگەن سۆزلەر يالغان» دەپ جاۋاب بەردى.

ھالبۇكى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋە ئىستانسىمىز تەرىپىدىنمۇ راستلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. ئۇ ھۆججەتتە 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خوتەندىكى 4 ناھىيەنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر ھۆججەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

شۇ كۈندىكى يىغىندا بولسا كومىتېت ئەزالىرى خىتاي ۋەكىلنىڭ «قوش تىل سىياسىتى» نى ئاقلاپ قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. شېفىرد خانىم خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەمىنلىگەن جاۋاپلاردا پەقەت «قوش تىل سىياسىتى» گە ئائىت قانۇن -ماددىلار تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلارنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنلارنىڭ تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلغان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى قانداق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە «قانۇن-ماددىلارنى چىقىرىپ قەغەزگە بېسىپ قويۇش ئايرىم گەپ، ئەمما ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئايرىم گەپ،» دېدى.

قىسقىسى، يىغىن جەريانىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، خىتايدا ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يوقلۇقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى، مىللەتلەرنىڭ تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەممە مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە كومىتېت ئەزالىرىغا بىرمۇنچە يازما دوكلات تاپشۇرغان.

ئەمما بىر قىسىم كومىتېت ئەزالىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى. بىر كومىتېت ۋەكىلى ئۆزىگە سۆز نۆۋىتى كەلگەندە خىتاي ئۆمىكى بۇ يەرگە شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئۆزىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەممە سۆزلەرنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر شارائىتتا ئۆزىنىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ سۆزلەشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما يىغىندا گەي ماكدوگال خانىم بولسا قايتا سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچ بولمىغاندا ئۇنى بېيجىڭدىكى تۈرمىگە يۆتكەش ئارقىلىق سەمىمىي نىيىتىنى كۆرسىتىشكە چاقىردى. ماكدوگال خانىم يەنە ئۆتكەن يىلىدىن بېرى مىسىر ۋە تۈركىيەلەردىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پاكىتلىق جاۋاب بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى.