ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نى بىكار قىلىشقا چاقىردى
2018.11.14

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى مۇستەقىل خىزمەت گۇرۇپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇتەخەسسىس 12-نويابىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلىرى ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر مەكتۇپ ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوغداش گۇرۇپپىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇپپىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى گۇرۇپپىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش گۇرۇپپىسى قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇستەقىل مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن يېزىلغان. مەكتۇپتا خىتاينىڭ بۇ يىل 10-ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى»، لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلنى چەكلەش سىياسەتلىرى ھەم بۇ يولدا ئالغان تەدبىرلىرى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ «چەكتىن ھالقىغانلىقى ۋە ھېچقانداق ھاجىتى يوقلۇقى» بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر مەكتۇپنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىشى» دىن كېيىنلا يېزىلىشى دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەكتۇپقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەكتۇپى بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر.
مەركىزى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ساراھ برۇكىس چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ مەكتۇپ خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلدى، ئۇ يەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. مېنىڭچە بۇ مەكتۇپ شۇنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خۇددى ئۆتكەن ھەپتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا كۆرۈلگەندەك ياكى خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۈچىدەك ھۆكۈمەتلەر ئارا سىياسىي مۇناسىۋەت قانداق بولسا بولسۇن، بۇ مۇتەخەسسىسلەر ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى. ئۇلار يۈز بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى».
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» 2017-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 9-ئۆكتەبىردە مەزكۇر نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قانۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭدەك ھىجاپ، ساقال، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، تارقاق ھەج قىلىش قاتارلىق بۇرۇن نورمال دەپ قارالغان نۇرغۇن دىنىي خاھىشلار قانۇنسىز دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.
مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغانلىقى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقى تەكىتلەنگەن.
مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭغا ب د ت نىڭ 1992-يىلى ماقۇللانغان «باشقا مىللەت ياكى ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل گۇرۇپپىلىرىغا مەنسۇپ شەخسلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نى خاتىرىلەتكەن. مەكتۇپتا يۇقىرىقى ئەھدىنامىنىڭ 1-ماددىسىدا؛ «دۆلەتلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي، ئېتنىك، تىل ياكى دىنىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق تېررىتورىيە ئىچىدە قوغدايدۇ ۋە كىملىكىنى تەرەققىي قالدۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ» دېيىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، لېكىن: «بىز يۇقىرىقى نىزامنىڭ خىتاي ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېيىلگەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل تەۋسىيە خاراكتېرلىك مەكتۇپلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا مەلۇم بېسىم پەيدا قىلىدىكەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە بۇ مەكتۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ بېشى يالغۇزلا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئەمەس، شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. لېكىن قانۇننى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى چىقارغان. شۇڭا، شى جىنپىڭغا دېيىش ئارقىلىق بەلكى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن بولسا كېرەك. ئەمما خىتاي خەلقئارا قانۇنلارغا بەك بويسۇنغان دۆلەت ئەمەس. ئۇ خەلقئارادىكى ئوخشاش ئۇقۇمنى خەلقئارا باشقىچە چۈشەنسۇن، بىز باشقىچە چۈشىنىمىز، دەيدىغان مۇنداق بىر ئەھۋال بار. شۇڭا، شى جىنپىڭغا مىڭ چۈشەندۈرسىمۇ دىققەتكە ئالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەكتۇپى خىتاي بىلەن غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قىممەت قارىشىدىكى پەرق ۋە توقۇنۇشنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارادا تاللانغان بۇنداق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايغا خەت يېزىشى، سېنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، دېگەن گەپ. خىتاي چوڭ دۆلەت بولغاچقا ئۇنىڭغا قىلىنغان بۇ خىل تەۋسىيە خاراكتېرلىك تەنقىدلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتايغا قارشى ئىدىيە ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى، دەپ ئويلىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى، خىتاي بىلەن غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئوخشىمايدۇ. خىتاينىڭ مەدەنىيىتى، چۈشەنچە، تەپەككۇر قىلىش شەكلى، ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ. بۇ ئوخشىماسلىق ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا ياردەمچى بولمايدۇ.»
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەكتۇپىدا يەنە «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» دا «قايتا -تەربىيەلەش لاگېرلىرى» قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نىڭ بۇنداق كەڭ دائىرىلىك شەرھلىنىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلگەن. مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، نىزامدا پىكرى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، شۇنىڭدەك ئېتنىك، تىل، دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى قاتارلىق خەلقئارا قانۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئاشقۇنلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش، دىننى تېخىمۇ خىتايلاشتۇرۇش مۇددىئاسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىدا قانۇنلۇق مۇددىئا، دەپ قارالمايدۇ. بۇنداق مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن ئەركىنلىكنى چەكلەش قانۇنسىزلىق دەپ قارىلىدۇ.»
لېكىن «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى» دىكى ساراھ برۇكىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر مەكتۇپىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، تۈپ ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلالمايسەن» دېگەن سىگنالنى بەرگەن.
ساراھ برۇكىس مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق ئەھۋالدا بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى تېررورلۇق ياكى ئاشقۇنلۇقتىن قوغدىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ، بۇنى مۇتەخەسسىسلەر ناھايىتى ئېنىق شەرھلىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشقۇنلۇققا بەرگەن ئىزاھاتى، ئۇلارنىڭ ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نامىدا ئالغان جەمئىيەتنى ئىناقلاشتۇرۇش، بىر خىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنسىز، دەپ قارىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق قىلمىش قانۇنلۇق. بىراق، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، توختاپ تۇرۇڭ، خەلقئارا قانۇنلاردا بىخەتەرلىك، دەپ تۈپ ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلالمايسىز دېگەننى، ئوتتۇرىغا قويغان».
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان 14-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىندى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا تەڭلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەكتۇپىدا، شى جىنپىڭنىڭ دەرھال زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توختىتىشى، ئۇنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جاۋابكارلىقى بار ھەرقانداق شەخسنى جاۋابكارلىققا تارتىشى تەلەپ قىلىنغان.