ب د ت باش كاتىپى خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە كاشىلا قىلىشىنى توسۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.05.24
bdt-qolqun-eysa-omer-qanat.jpg «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» نىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى (خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىلىق يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشتىن بۇرۇن) بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر. 2017-يىلى 26-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
RFA

خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ پەسىللىك ۋە يىللىق يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەزكۇر مېخانىزمنى قوللىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا كاشىلا قىلىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دا پىكىر بايان قىلىشىنى توسۇشىغا 23-ماي كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى نارازىلىق بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ خىتايغا تەنقىدىي پىكىر بەرگەن كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا كاشىلا قىلىش ئەھۋالى يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ، ئاخىرقى قېتىم د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 26‏-ئاپرېل نيۇيوركتىكى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك مىللەتلەر خەلقئارا يىغىنىغا قاتنىشىشنى توسقان. دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىشى ۋە يىغىندا سۆز قىلىشى چەكلەنگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رىچاردسون 23‏-ماي ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىسنى خىتاينىڭ ب د ت ئىچكى قىسمىدا پەيدا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى بېسىمىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت نىڭ بىر مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كاشىلا چىقىرىشىنى توسمىسا، بۇنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دوكتور رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ب د ت بۇنىڭغا قارشى كۈرەشكە ئۆتۈپ، بۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىد قىلىدىغان پەرقلىق پىكىرلەرگە ئوخشاشلا ئوچۇق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلمىسا، بۇ ئورگاننىڭ ئۆزى دۇنيادىكى ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىنتايىن چاتاق ئەھۋال. بىز ب د ت نىڭ مۇستەقىل بىر ئورگاندەك ھەرىكەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسكەنجىسىگە يول قويماسلىقى كېرەك. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدەك ھەرىكەت قىلسا بولمايدۇ».

دوكتور رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ب د ت دا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىدكە ئەڭ شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىردىن بىر دۆلەت ئىكەن.

رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بىر-بىر دۆلەت ئەمەس. بۇنىڭدەك دۆلەتلەردىن رۇسىيە، مىسىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر قانچىلىغان چاتاق دۆلەتلەر بار. شۇڭا، بۇ خىتايغا خاس ئەھۋال ئەمەس. بىراق خىتاي ب د ت دا خىتايدىن ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق بىر تەرەپتىن ئۆزىگە قارشى تەنقىدىي پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى قاتتىق توسۇپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. مېنىڭچە ئۇ كىشىلەرنىڭ رۇسىيەنى تەنقىد قىلىشى بىلەن چاتىقى يوق. ئەمما ئۇ ئۇنى تەنقىد قىلغان كىشىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.»

بىراق بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ب د ت نىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا قېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز رولىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى‏ - «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ب د ت نىڭ بۈگۈن بۇ ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئاساسلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇنىڭدا ئۆزى ئويناشقا تېگىشلىك يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرمىدى. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىسا، ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى ب د ت نىڭ ھەر قايسى مېخانىزملىرىدا تولۇق ئەكس-ئەتتۈرسە، ب د ت نىڭ ئەھۋالى بۇنداق ناچار بولۇپ كەتمەيتتى. شۇڭا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئاساسلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ب د ت دا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز».

سوفىيە رىچاردسون ئوچۇق خېتىدە، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 26‏-ئاپرېل ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ چەكلىنىشىنى پەقەت بىر ئىندىۋىدۇئال ھادىسە، ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ كۆپ تەكرارلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. سوفىيە رىچاردسون ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى كۆپ قۇتۇپلۇق تەشەببۇسىنى ماختىغان بولسىمۇ، بىراق خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ب د ت نى ئىسلاھ قىلىپ، شەخسلەرگە، ئۇيغۇر، تىبەتكە ئوخشاش يەرلىك مىللەتلەر ۋە ئىجتىماىي، سىياسى گۇرۇھلارغا تېخىمۇ چوڭ سۆز ھەققى بېرىشكەن.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت دا تېخى شەخسلەر ۋە ئاممىۋىي گۇرۇھلار ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئېنىق بىر مېخانىزىم يوق.ئۇ شەخسلەرنىڭ دېلوسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئاساس قىلغان بىر خەلقئارا تەشكىلات. بىز ئىزچىل شۇنى تەكىتلەپ كەلدۇق، ب د ت ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلاتى. بىراق بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى شۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىق قىلمىسا، بىز چوقۇم ب د ت دا بۇ خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بىر سەھنە تېپىشىمىز كېرەك. شۇڭا، بىز ب د ت نى ئىسلاھات قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. ئەگەر ب د ت ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بىر ئورگان بولىمەن،دېسە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى تەسىرى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيەسىنىڭ ئەھۋالىغا باغلىق بولۇشى كېرەك».

سوفىيە رىچاردسون، ب د ت رەھبەرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىش، ئۇنىڭ بۇ ھالقىلىق ۋەزىپىسىنى قوغداشتا جىددىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ دېگەنلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ب د ت نىڭ ئوخشاشلا ئۇلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارا بىلدۈرۈش، خىتاينىڭ ب د ت مېخانىزمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.