ب د ت نىڭ خىتايدىكى تەن جازاسى يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلاندى

0:00 / 0:00

-18-نويابىر كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-قېتىملىق يىغىنىدا خىتايدىكى تەن جازاسى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىماملارنى ئۆز ئىچىدە ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇل ئويناشقا، ئۇيغۇر رېستوران ۋە دۇكان ئىگىلىرىنى ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق مەھبۇس بولمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ پسىخولوگىيەلىك تەن جازاسى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايدىكى تەن جازاسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يىغىنى چارشەنبە كۈنى 2-كۈنىگە قەدەم قويدى.

يىغىندا ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ھەققىدە دوكلات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلغان كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بايانىدا، بۇ يىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۇچرىغان تەن جازاسى، روھى جەھەتتىكى بېسىملىرى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان بېسىملار، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۇچرايدىغان ھەر خىل تەن جازالىرى، بۇ يىل تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تېلېۋىزور قاتارلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە توۋا قىلدۇرۇلۇپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تەن جازاسى ۋاسىتىسى بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئىماملىرىنىڭ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كومىتېت ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، 18-نويابىردىكى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان 3 سائەتتىن ئارتۇق يىغىن ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرى ئۇلاردىن سورالغان كونكرېت مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەسىلىلەرگە نەزەرىيىۋى، ئابستراكتنى جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىدىن خىتاي 1984-يىلى قول قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تەن جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى شەرتلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 30 دىن ئارتۇق كونكرېت مەسىلىلەرگە يازما جاۋاب تەلەپ قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.