ئەرزدارلارغا ئاپتوبۇستا پۇل ئالماسلىق، بېيجىڭدا 10 نەچچە يىلدىن بېرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي بىر قائىدە، ئەمما بۇ قائىدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا ئەمەلدىن قالغان. نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرز ئىشى بىلەن تۇرۇۋاتقان غوجىمەمەت جاپپار، يېنىدا بېلىتى بولمىغىنى ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە 3 قېتىم ئاپتوبۇسدىن چۈشۈرىۋېتىلگەن، ئەمما ئاپتوبۇستىكى بېلەتسىز خىتاي ئەرزدارلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان. غوجىمەمەت جاپپار ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە تۇرۇۋاتقان كۆۋرۈك ئاستىدىن ھەيدەلگەن ئىدى. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر غوجىمەمەت جاپپارنىڭ خوتەن ماڭلايدىكى قېرىنداشلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىنىسىنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا يېتىشىغا سەۋەب بولغان. خىتاي زورۋانلىقى سەۋەبلىك ئانا يۇرتىدا ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلغان، بېيجىڭدا قېقىلىپ - سوقۇلۇپ يۈرگەن غوجىمەمەت جاپپار رادىيومىزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىش ئارقىلىق دەردىگە داۋا ئىزدىمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى قىسمەتلىرىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00