پارات ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭدىن يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى
2015.09.03

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان پاراتىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزدى. ئەمما پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 3 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىنىپ، جاي - جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىشى، ئاممىۋى تەشۋىقاتنىڭ كۈچەيتىلىشى قاتارلىقلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە، ھەتتا يېزىلاردىمۇ 3 - سېنتەبىر پارات مەزگىلىدە بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر 3 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن؛ مەكتەپلەرنىڭ دەرسى بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن؛ يېزىلاردا دېھقانلار كەنت - كەنتلەردە يىغىۋېلىنىپ، كوللىكتىپ ھالدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پاراتنى كۆرۈشكە تەشكىللەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - سېنتەبىر يەنى پەيشەنبە كۈنىدىكى پاراتنى تىنچ - ئامان ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىر ئايدىن بۇيان بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاراتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق بخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى سېنتەبىر ئېيىدا بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆندۈرۈلگەن كەپتەرلىرىنى ئۇچۇرۇشىنى چەكلىگەندىن سىرت، پارات كۈنى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتىش ئۈچۈن مەخسۇس شۇڭقار تەربىيىلىگەن. خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى يەنە پارات كۈنى ھاۋادا نومۇر كۆرسىتىدىغان ھەربىي ئايروپىلانلار ئۇچۇپ ئۆتىدىغان لىنىيەلەردىكى قۇش چاڭگىلىرىنى چۇگىۋېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ماكاكا مايمۇنلىرىنى تەربىيىلىگەن. شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ھەرقانداق ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىرامۋاي، يەر ئاستى پويىزى قاتارلىقلارغا قوراللىق ئەسكەرلەر چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ پاراتقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەنلىكى، دوختۇرخانىلار بالنىستتا يېتىپ داۋالانمايدىغان بىمارلارنى كۆرۈشنى توختاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.
تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 - سېنبتەبىردىكى پاراتنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ خىل قاتتىق بخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بىر ئايدىن بۇيان پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا قەدەر كېڭەيتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 3 - سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، پارات ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭدىن نەچچە ئون مىڭ كلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر شەھەر، يېزىلىرىدىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ،، سىياسىي تەلىم - تەربىيە، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر خانىم، كۆپلىگەن ئىدارىلەردە بۇ 3 كۈنلۈك دەم ئېلىشتا توي - تۆكۈن، چوڭ تىپتىكى مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يىراق سەپەرگە، سەيلە - ساياھەتكە چىقماسلىقى تەۋسىيە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە بويىچە ئولتۇرۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پاراتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بايانىدا ھۆكۈمەت ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگىنى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى يەنى 6 - سېنتەبىر كۈنى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بارلىق ئىدارە،جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشقا بارىدىغانلىقى، پۈتكۈل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭمۇ يەكشەنبە كۈنى يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان پارات بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۇرۇقلۇق، نەچچە ئون مىڭ كلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىدە يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خانىم «ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ئىشى تۇرسا، ئەلۋەتتە بۇ پائالىيەتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر ئېلىنىدۇ - دە دەپ جاۋاب بەردى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى ئازايتىلىپ، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگىنى ئۈچۈن، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن خىزمەتچىلەرمۇ ئىلگىرىكى بايرام مەزگىللىرىدىكىدەك ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت - سەپەرگە چىقىش پائالىيەتلىرىنى ئازايتقان. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 3 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى كۆپەيتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېينكى ياكى كەچلىك ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان. بېيجىڭدا پارات ئۆتكۈزۈلىدىغىنى ئۈچۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇشنى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەپتە كېچىكىپ 6 - سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى باشلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بارلىق خادىملار 3 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ھەرقايسى كەنتلەردىكى كادىرلار ۋە بىر قىسىم دېھقانلار يىغىۋېلىنىپ، كوللىكتىپ ھالدا بېيجىڭدا ئۆلكۈزۈلۈۋاتقان پاراتنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پارات مەزگىلىدە، پۈتۈن خىتاي بويىچە قاتتىق بخىئەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا يەنە، ئىنتېرنېت - تېلېفون ئۇچۇرلىرىغىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىنى بەيدۇ، سىنا، قاتارلىق تور بەتلەرگە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇ تور بەتلەردىن تورداشلار يوللىغان ئۇچۇرلارغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. 3 - سېنتەبىر كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، تور بېكەتلىرىگە يوللانغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىق غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭدىكى پارات ھەققىدىكى خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ئېلىنغانلىقى، ئەمما بۇ خەۋەر ۋە سۈرەتلەرگە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ تولىمۇ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيىلەيدىغان مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى مەلۇم بولدى.