خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت چېگرا مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قويغان بۇ مۇستەھكەم كۈچى ئەمەلىيەتتە ھەر زامان، ھەر جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە نىسبەتەن تەھدىتى بىر كۈچ بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قانۇنسىز بىر ھادىسە.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن دەپ ئاتاۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى، ئۇيغۇر ئېلىنى ئاپتونوم رايون قىلىپ قۇرۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1954-يىلى قۇرۇپ چىققان.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئارمىيىسى قۇرۇلما جەھەتتىن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، شىركەت بىرلەشتۈرۈلگەن، سىياسىي-قانۇن، دېھقانچىلىق، زاۋۇت، كان، كارخانا، مائارىپ، سودا، تاشقى سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەممە تارماقلىرى تولۇق بولغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايدىغان، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە بىر ئورگان.
نۆۋەتتە ئۇنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلارغىچە 14 دېۋىزىيە، 174 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى، 3 مىليونغا يېقىن خىتاي نوپۇسى بار. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا 50 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر ئۈچ يېرىم مو تېرىلغۇ يەرنىڭ بىر موسىنى بىڭتۇەن ئىگىلىگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانچىلىك چوڭ بولسا بىڭتۇەن ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان دائىرىدە. ئەمەلىي ھەربىي كۈچ ۋە سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە بولسا بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىنمۇ كۈچلۈك ھوقۇقلارغا ئىگە بىر گەۋدە.
شۇڭىمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان تەيۋەنلىك خىتاي تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئۆزىنىڭ «1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ» دېگەن كىتابىدا بىڭتۇەننى تەسۋىرلەپ «ئۇ خالىغان ۋاقىتتا قوراللىنالايدۇ، مەخسۇس مىللىي ئاپتونومىيىگە تاقابىل تۇرىدىغان بۇنداق خىتاي ئورگىنى-بىڭتۇەن دەيدىغان شەكىل دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يوق» دەپ يازغان.
بىڭتۇەن قۇرۇلما، خاراكتېر، فۇنكسىيە ھەر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ ھادىسە. خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك مىللەت، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئەڭ ھوقۇقلۇق مىللەتتۇر دېيىلگەن.
بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بىڭتۇەننىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى قانۇنسىزلىق دەپ كۆرسەتتى.
2011-يىلى 25-فېۋرال سەھەردە ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي تېغىدىكى خىتاي ئارمىيە مەشىق بازىسىدا ھەربىي سىگنالى ياڭرىدى، بۇ 200 مىڭ كىشىلىك بىڭتۇەن ئىشچى، خىزمەتچى ئەسكەرلىرىنى راست ئوق، راست قوراللار بىلەن ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.
بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ لۇڭفۇ بىڭتۇەن مەتبۇئاتلىرىغا «مەركەزلىك مەشىق قىلدۇرۇش، ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسكەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاپ، چىگرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر مۇھىم مەزمۇن» دېدى ۋە بىڭتۇەندىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2010-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان تۇنجى ھەربىي پىلان تۈزۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
يەرلىك مىللەتلەر رايونىدا ھەر قانداق بىر كۈچنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە تەھدىت يارىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەت ھەق-ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىمۇ مەخسۇس ماددىلار ئارقىلىق چەكلەنگەن. ئۇنىڭ 11-ماددىسىدا «يەرلىك خەلقلەر باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەر ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە كوللېكتىپ بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھېچبىر شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا، زوراۋانلىققا، مەجبۇرىي ھالدا بالىلىرىنىڭ بىر يەردىن-بىر يەرگە يوتكىۋېتىلىشىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.»
28-ماددىسىدا «يەرلىك خەلقلەر، ئۆزلىرىنىڭ ھېچبىر رازىلىقى، ئەركىن ھالدىكى قارارى ۋە تولۇق مەلۇماتلىق شەرتى ئاستىدىكى ماقۇللۇقىسىز، تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىگىلىگەن ۋە ئىشلەتكەن تۇپراقلىرىنىڭ ۋە يەر بايلىقلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، تارتىۋېلىنىشى، ئىشغال قىلىنىشى، قوللىنىلىشى ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنى، ئىمكان بار بولسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، بۇ زىيانلار ھەققىدە ئادىل ھەم مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق. 30-ماددىسىدا «ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ياكى تەلىپى بولمىغان شارائىتتا ۋە ياكى تولۇق ھەققانىي سەۋەبلەرگە تايانمىغان شەرت ئاستىدا، دۆلەت يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىسىدە ئەسكىرى ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىقى شەرت.» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى شىنجاڭدىن ئىبارەت چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغۇچى چېكىنمەس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسمى دەيدۇ. بىڭتۇەن 50 نەچچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ۋە مۇنبەت تۇپراق، ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىگىلەپ ھەر تەرەپتىن زورايدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ئاۋانگارت، ئەڭ ئاكتىپ كۈچ بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىڭتۇەن ئوتتۇرىسىدا مىللىي، سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي زىددىيەتلەرمۇ بىڭتۇەننىڭ كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆتكۈرلەشتى، مۇرەككەپلەشتى. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەسىلىنى يوشۇرۇش، نارازىلىقنى بېسىش ئۇسۇلى بىلەن ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى زورايتقانسېرى زىددىيەتنىڭمۇ تەڭ چوڭىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى پەقەت بىڭتۇەننى تارقىتىۋېتىش دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان«شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيىسى» ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى يەنىمۇ زورايتتى. خىتاي تەشۋىق ۋاسىتىلىرىدە بىڭتۇەننىڭ ھەر تەرەپتىن زورىيىشىنى «بىڭتۇەن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى سەھىپە ئاچماقتا» دەپ تەسۋىرلىمەكتە.