15-مارت پەيشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش كۈن ۋە ئوخشاش سائەتتە ئۆتكۈزۈش چاقىرىق قىلىنغان «بىر قەدەم بىر ئاۋاز» نامىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار 15-مارت كۈنى تاكسىم رايونىدا يۈرۈش قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
بۇ پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر خانىم-قىزلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلار ئالدى بىلەن بەيتئوغلى تۇنىلى ئالدىغا توپلىشىپ، قوللىرىدا تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەر خىل شوئار توپلاپ تاكسىم مەيدانىغا يېقىن گالاتا ساراي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
نامايىشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتنىشىپ خانىم-قىزلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
نامايىشقا، «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى»، «ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى» قاتارلىق چوڭ مېدىيالارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەم نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئالتە ئايدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟، قانچە ئانىنىڭ يۈرىكى ئېزىلىۋاتىدۇ، كۆز ياشلىرى توختىمايۋاتىدۇ، قانچە بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، سىلەر بىلەمسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالىغا يەنە قاچانغىچە سۈكۈت قىلىسىلەر؟ ئەمدى بولسىمۇ سۆزىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار! دىن نامىدا، مىللەت نامىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىززەت-غۇرۇر نامى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمدى سۆزىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار! يېپىق تەربىيەلەش نامى ئاستىدا قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز زۇلۇم دەستىدىن قاتتىق ئىڭراۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ پۈتۈن ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى مۇناسىۋەت قىلىشتا چەكلەندى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقە ۋاسىتىلىرى پۈتۈنلەي چەكلىمە ۋە نازارەت ئاستىدا قوللىنىلىدۇ. قول تېلېفونلاردا دىنى ياكى مىللىي مەزمۇن ياكى رەسىملەر چىقىپ قالسا نەچچە يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تۈرمىگە قامالغانلاردىن خەۋەر ئېلىش، زىيارەت قىلىش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خەۋەر ئېلىش ئىمكانسىز بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ پسىخولوگىيە جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنى جىددىي ۋەزىپىگە چاقىرىق قىلىمىز. ب د ت ۋە دۇنيا ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
نامايىش ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ۋە بىر قانچە تەلەپلەرنى يېزىپ سۇندى.
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىملارغا خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ھېچ قانداق گۇناھى يوق ئىنسانلارنى سەۋەبسىز يوق قىلىۋەتمەسلىكى، تايلاند ۋە مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ب د ت نىڭ ئىستانبۇلدىكى ئورنىغا سۇنغان. ب د ت نىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىشخانىسى ئالدىغا چىقىپ، ئۇيغۇر ھەيئەتنى كۈتۈۋالغان ۋە تەلەپ-ئىلتىماسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتنى قوبۇل قىلىپ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم، شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىدىن دەم ئېلىشقا چىققان شەمسىقەمەر خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەمسىقەمەر خانىم، بۇ نامايىشقا ئۆزىنىڭ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، بۇ نامايىشنىڭ ئىلگىرىكى نامايىشتىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغانلىقىنى، نەچچە ھەسسە كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئويغىنىپ نارازىلىق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.