3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «يېپىق تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قاماش، قاتتىق نازارەت قىلىش قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامىدىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشقا ئامېرىكىنىڭ ۋىرىگىنىيە ۋە باشقا شتاتلىرىدىن شۇنىڭدەك باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيەت ۋە جامائەت ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 400 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
بويۇنلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شارپىلارنى تاقىغان ۋە باشلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق ياغلىقلارنى ئارتقان ھەم قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن خانىملار، ئوغۇل-قىزلار ب د ت بىناسى ئالدىدىكى سۈكۈتلۈك نامايىشتىن كېيىن خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شوئارلارنى توۋلاپ كوچا بويلاپ نامايىش قىلغان.
نيۇ-يوركتىكى بۇ نامايىشقا ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردىن بىر قىسىم ئاكتىپلارمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ قاتناشقان. نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئەزىز نەق مەيداندىن مەلۇمات بېرىدۇ.
بۇ نامايىشنىڭ تەپسىلاتى داۋاملىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.
0:00 / 0:00