ئۇيغۇرلار 15-مارت نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارىغا جور بولغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى، بالىلار ۋە ھەرساھە ئۇيغۇر جامائىتى 15-مارت كۈنى ئوسلو شەھىرىگە جەم بولۇپ، نامايىش ئېلىپ بارغان.
نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەشكىللىشى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەمدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش 2 سائەت داۋام قىلغان.
نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ سۈرىتى بېسىلغان شارپا، ياغلىق ۋە تۈرلۈك بەلگىلەرنى ئۈستىگە ئارتىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ھەمدە ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان. «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدىكى بۇ نامايىش بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرقانچە ئايدىن بۇيان ھازىرلىق قىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئۆزلىرى پەرەز قىلغاندىكىدىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ قېتىملىق نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىشلىرىدا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
16-مارت كۈنى ئوسلو شەھىرىدىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن د ئۇ ق، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى 15-مارت ئوسلو شەھىرىگە جەم بولغان.
د ئۇ ق ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17-18-مارت كۈنلىرى ئوسلو شەھىرىدە يەنە «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن ھەمدە 18-مارت كەچتە نورۇز پائالىيىتى بولۇپ ئۆتىدىكەن.
0:00 / 0:00