5-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى كەچتە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» مۇراسىمىدا سۆز قىلغۇچىلار ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرلىك-باراۋەرلىكنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى ئونلىغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئانى كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمدا «ئىستىقلال» مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شېھىتلارغا ئاتاپ تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.
مۇراسىمدا يەنە تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈلەنت ماشائوغلى، پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىقلار بىرلىكى رەئىسى ئاقىل سەمەدبەيلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار قاتارلىق 10 غا يېقىن تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.
مۇراسىم جەريانىدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر، «دادام چۈشۈمدە»، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تېمىلاردا نەسىر ئوقۇدى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، تىياتىر ئورۇنلىدى.
0:00 / 0:00