1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، 5-فېۋرال كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالامىدىن مەھەللىسىدىكى پائالىيەت سورۇنىغا جەم بولۇپ، شۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە ھەربىيلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتى.
يىغىلىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ھاجىم رىياسەتچىلىك قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ياشلار ئۆزىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىشىغا چىققان ئىدى. بىراق خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ياشلىرىمىزنى قانلىق باستۇردى. بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، شۇ قېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان ياشلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتىمىز.»
«ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىغا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا قوراللىق باستۇرۇش يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «5-فېۋرال كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرۇپ بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈردى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىدى. بىز قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆزىمىزنىڭ قاتتىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز بۇ كۈنلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، بۇ تۆكۈلگەن قانلار ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ.»
5-فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار قاسىم 5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «1980-يىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق ۋە ھوقوقسىزلىق سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان چۈشكۈنلىشىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە بېرىلىش قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئابدۇخېلىل مىجىت، ئابدۇمىجىت ھەمراھ قاتارلىق ياشلار ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇيۇشتۇرۇش، ياشلارنى ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئىدى. بىراق خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆزلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرۇشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە، ياشلارنىڭ مەشرەپ ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ياشلارنىڭ يېتەكچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتى. ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچلىق شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ نامايىشقا چىققان ياشلارنى قانلىق باستۇرۇپ «5-فېۋرال» قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى.»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم زىيالىي شەمشىدىن ئۆز بايانلىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان قەھرىمانلىق روھىنىڭ كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:«گەرچە بۇ ھەرىكەت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئىلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.»
يىغىلىشتا سۆزگە چىققان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئوسمان تۇردى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىدا قۇربان بولغان ياشلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى قەدىرلەش ھەققىدە توختالدى: «خىتاي دائىرىلىرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاننىڭ سىرتىدا بىزنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بارلىق ۋەھشىيلىكلەرنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز 5-فېۋرالدا قۇربان بولغان ياشلىرىمىزنىڭ روھىنى قەدىرلىشىمىز لازىم.»
يىغىلىشتا سۆزگە چىققانلاردىن «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدىرىشىت ھاجىم قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ياشلارنى بۈگۈنكىدەك پائالىيەتلەرگە جەلپ قىلىشقا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم. ياشلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز. بىز تەرتىپلىك، ئەخلاقلىق، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.»
يىغىلىشنىڭ ئاخىرىدا «ئىتتىپاق» رەئىسى ئارتىق ھاجىم ئىتتىپاقنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ئىش-پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.