خىتاي چۇماقچىسى كادىرنىڭ ئۇيغۇر بۇۋاينى ئۇرۇشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەكەن ناھىيىسى خاڭدى بازارلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى قۇربان ئىسىملىك بىر خىتاي يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ساقاللىق بىر بۇۋاينى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى بار قىسقا بىر سىنئالغۇ فىلىم تارقالغان بولۇپ، بىچارە بۇۋاينىڭ تاياق يەپ تۇرۇپمۇ ئۇ زۇمىگەر ئۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغان بىچارە كۆرۈنۈشى، ۋىجدان ئىگىسى ھەر بىر ئىنساننى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. بۇ كۆرۈنۈش تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى كەڭ تارقىتىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

سىۋېت تەخەللۇسى قوللانغان بىر كىشى بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: «يەكەن ناھىيە خاڭدى بازارلىق پونكىتنىڭ باشلىقى قۇربان ئادەم ئەمەس ھايۋان، دادىسى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئادەمنى ئۇرغان، بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانغا جازا بېرىلىشى كېرەك. يېزىنىڭ تۆۋەن قاتلام ساپاسىز كادىرلىرى مۇشۇنداق دادىسىدەك ئادەمنى ئۇرۇشقا قولى بېرىپتۇ، بۇنداق مۇناپىقلارنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلسۇن، بۇ فىلىمنى كەڭ تارقىتايلى.»

 ساقاللىق بىر بۇۋاينى ئۇرۇۋاتقان كادىر قۇربان


ئادەم ئەمەس سىياقىڭ يۈزلىرىڭ قوڭكەن،
توۋا دەيمەن مۇناپىق ئادەم ئۇرامسەن.

قېرىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ،
دولىسىغا تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى ئارتىپ،
ئاران بارسا ئالدىڭغا باش پاناھ تارتىپ،
توۋا دەيمەن مۇناپىق ئادەم ئۇرامسەن.

بۇۋايلارنى خارلىساڭ سورىقى يوقمۇ؟
ئاتاڭدەكنى ئۇرۇپسەن تەشكىلىڭ يوقمۇ؟
نان يىمەيسەن كۈنلۈكى يىيىشىڭ پوقمۇ؟
ئىسىت ساڭا مۇناپىق ئادەم ئۇرامسەن؟.

بۇ ۋەقە كەڭ تارقىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جامائەت نارازىلىقى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تور ساقچىلىرى تەھدىت خاراكتېرلىك بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشنى تورلاردا تارقاتماسلىقنى، تارقاتقۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مەزكۇر سىنئالغۇنى تور تاراتقۇلاردا تارقاتقانلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا خەۋەر بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ۋە سىنئالغۇنى توردىن ئۆچۈرىۋېتىشكە بۇيرىغان.

بۇ ناھەقچىلىككە سۈكۈتتە تۇرالمىغان ياسىنجان ئەمەت ئىسىملىك شائىر «داداڭنىمۇ ئۇرامسەن ؟» دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان ۋە 10-نويابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان:

باشلىق دەيدۇ ئاڭلىسام ئەمەلىڭ چوڭكەن،

راۋان ئىكەن يوللىرىڭ ئىشلىرىڭ ئوڭكەن،

خىتاي تور ساقچىلىرى تارقاتقان تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇقتۇرۇش
خىتاي تور ساقچىلىرى تارقاتقان تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇقتۇرۇش (RFA/Arslan)


مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشتا يەنە، بۇ سىنئالغۇنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان تور ساقچىلىرى، ئۇ فىلىمنى كىشىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ قالسا، ئۇ چاغدىكى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە تەھدىت قىلغان.

بىز بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام شۇنداقلا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.