خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 21 - سىنتەبىر بۈگۈر ئىسيانىنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەت ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا ئۇنىڭ بىناكارلىق تېخنىكومىنى ئوقۇغانلىقى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئاتالمىش ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېتەكچى تۇرسۇن مەمەتنىڭ مەكتەپتىكى چاغلىرىدا تىرىشچان ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئىش ھاياتىدا بولسا كەسپىگە پۇختا ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئامما ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىناۋەت تاپقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئاھالىلەردىن بىرى، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتەك چوڭ بىر ئىشقا يېتەكچىلىك قىلالىغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن تەساددىپىيلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00