چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئاخبارات ۋە تور كونتروللۇقىنى تەنقىد قىلىپ، تورغا پىكىر يازغۇچىلارنى ۋە ئۇچۇر يوللىغۇچىلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقىنى بىكار قىلىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىشى كەسكىنلىشىپ، ساقچىلارنىڭ تورغا مىللىي مەسىلە ۋە نازۇك سىياسىي ئۇچۇرلارنى چاپلىغان ياكى پىكىر يازغان تورداشلارغا تەھدىت سېلىش، تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى ئەۋج چىققان بىر مەزگىلدە قىلدى.
خىتاي «قانۇن گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 26- ئىيۇن «لۈكچۈن ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاخبارات ۋە تورنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە 199 كىشىنى توردا ئىغۋا تارقاتتى، دېگەن سەۋەب بىلەن بىر تەرەپ قىلغان، ئۇلاردىن 72 كىشىگە مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.
چىگرىسز مۇخبىرلا تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: ب د ت ئەمەلدارى فرانك لا رىيۇنىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋىرى بار. ئەلۋەتتە، بىز خەلقئارانىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئارىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا مېڭىشقا، پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇرلاش كېرەكلىكىنى بىلىمىز. خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز ئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلمىسا، ئەپسۇسكى، خىتاي ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تايىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7 -ئاينىڭ 4- كۈنى مەخسۇس خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 -يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەن 4 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ھېچ قانداق ئالغا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت نىڭ پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئالغا سۈرۈش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەمەلدارى فرانك لا رىيۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭدىن چەتئەل ئاخباراتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە چوقۇم يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېگەن.
شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇچۇر دۇنياسىدىكى «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېنجامىن ئىسمائىل، ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ۋە ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئومۇمى ۋەزىيەتتىن ئېيتقاندا خىتايدا ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. بىراق، بەزى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى خۇسۇسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا تىبەت ئىچكى موڭغولدا باستۇرۇش، تور قوللانغۇچىلارنى، بلوگچىلارنى، توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كونترول قىلىش ئېغىرراق. دائىرىلەر بۇ رايونلارغا كۆپلەپ تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، ئۇچۇرنى كونترول قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ يېقىندا خوتەن خانئېرىق ۋە لۈكچۈن ۋەقەلىرىدە ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، چەتئەل ئاخباراتى ۋە خىتاي يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارغا كىرىشىنى، ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىشىنى مەنئى قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 4- ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر بىر بازار ۋە شەھەردە، ئاخباراتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىتلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەقەت قوشنا ئەللەردە نەشر قىلىنىدىغان بەزى گېزىتلەرنىڭ قاچاق يوللاردىن ئۇيغۇر ئېلىگە تارقىلىدىغانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كومپارتىيىگە پايدىسىز خەۋەر تارقىتىدىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر تور بېتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىل خىتاينىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ رولى ناھايىتى چەكلىك. چۈنكى دائىرىلەر پەقەت پارتىيىنىڭ سىزىقىنى بويلاپ ماڭغان تور بېكەتلىرىگىلا يول قويىدۇ. بۇ مېنىڭ ياكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى قارىشى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار نۇرغۇن سودا ۋە ئاچقۇچلۇق ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا خىتايلارنىلا مەنپەئەتدار قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پىكىرلەر بار.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئەھۋالنى مۆلچەرلەپ بېرەلمەيمەن. ئەلۋەتتە، تور ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىر تور ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىپادە ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ مۇنبىرى ئەمەس. مەزكۇر رايوندا ئۆز ئۆزىنى چەكلەش كەڭ ئومۇملاشقان. دائىرىلەر تورنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكى مۇنبىرى بولۇش پۇرسىتى ناھايىتى چەكلىك.