خوتەندىكى ساقچى: چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش چېكى 16 ياشتىن تۆۋەنلەر
2017.05.18

ئۆتكەن ئايدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دائىرىلىرىنىڭ دىنىي يوسۇندىكى بىر تۈركۈم ئىسىملارنى چەكلىگەنلىكى مۇنازىرە تېمىسى بولغان ئىدى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن يېقىندا دائىرىلەرنىڭ يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى قويۇلۇپ بولغان ئىسىملارنىمۇ يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس بۆلۈملىرىگە بېرىپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خوتەننىڭ ئىلچى ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، ئىلگىرى قويۇلۇپ بولغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش دولقۇنىنىڭ نۆۋەتتە خوتەن دائىرىسىدە باشلانغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىنى چەكلەش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلاردا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىنىي تۈسى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن ئىسىملارنىمۇ «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» خاھىشىنى ئىپادىلىگەن دېگەن باھانىدە، بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ چەكلىنىدىغان ئىسىملار تىزىملىكىدە ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ ئېلان قىلىۋاتقان چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكىدە «مۇجاھىت، جىھاد، ئابدۇ پەتتار، ئەبۇلغازى، ئەزھەر، ئەسئەدۇللا، ئەمىرۇللا، ئەمىرىدىن، ئەھرۇللا، ئەكبەر، غازات، تۈركىناز، تۈركىزاد، ئەبۇبەكرى، مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئەراپات، ھاجى، غوجا، خۇدابەردى، تۈركىناي، مۇجايدۇللا» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىملار بار بولۇپ، دەسلەپ تارقالغان ئۇقتۇرۇشلاردا يۇقىرىقى ئىسىملارنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قويۇش چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەھۋاللار خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈندىدار تورىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يېقىندا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەر ھەتتا يېزا-مەھەللىلەرگىچە يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىلگىرى تۇغۇلغان بالىلىرىغا بۇ خىل چەكلەنگەن ئىسىملارنى قويغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس بۆلۈملىرىگە بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتسە، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان ئىدارىدىمۇ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى خىزمەتچىلەرگە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 4425-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇش ئوقۇپ بېرىلگەن. ئىدارە باشلىقى سۆزىدە يەنە، ئىلگىرى بالىلىرىغا دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغۇچىلارنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ نوپۇس بۆلۈملىرىگە بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى ئۇقتۇرغان.
رادىيومىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئاتالمىش 4425-نومۇرلۇق ھۆججەت ھەققىدە تەپسىلاتلارنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ نوپۇس بۆلۈمىدىكى ساقچىلار 1-ماي كۈنىدىن باشلاپ چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش خىزمىتىنى باشلىغان. ئەسلى بىر ئايدا تاماملاش بەلگىلەنگەن ۋەزىپە، يېزا تەۋەسىدىكى تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى، ھەتتا بەزىدە تور ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاستىلاپ، نوپۇستىكى چەكلەنگەن دىنىي ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش خىزمىتىنى 7-ئايغا قەدەر تۈگىتىش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن، ئىسىم ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، ئىسىم ئۆزگەرتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكۈچىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە شۇ كىشىگە ئالاقىدار ئارخىپلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا كىملىك بېجىرىش يېشىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ يەنى 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ساقچى بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، بۇ ساقچى يەنە نۆۋەتتە خوتەن يېزىلىرىدىكى كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتى نامىدا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ساقچىخانىلارغا ھەمكارلىشىپ، يېزىلاردىكى چەكلەنگەن دىنىي ئىسىملارنى تىزىملاش ۋە ئاتا-ئانىلىرى ياقا يۇرتلارغا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلىش ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسى سەۋەبلىك يىغىۋېلىنىپ 2 ئايلىق ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئۆيدە قالغان بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.
بىز ئۇنىڭدىن يەنە، ئىسىم ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە مەزكۇر يېزا تەۋەسىدە ئىسىم ئۆزگەرتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ تېخى يوقلۇقىنى، ئەمما 7-ئايغا قەدەر بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.