ئۆتكەن يىلدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ قانلىق توقۇنۇش ۋە باستۇرۇشلار ئالاھىدە كۆپ يۈز بەرگەن تىنچسىز بىر يىل بولغانلىقى مەلۇم شۇنداقلا بۇ جەرياندا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
بۇ يىل كىرىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، دىنىي، مىللىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇشى، توقسۇ ناھىيىسىدە 3 قېتىملىق پارتلاش ۋەقەلىرى قاتارلىق زور ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئارقا -ئارقىدىن يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.