خىتايدىكى ئۇچۇر - ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىماي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قامالنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتمەكتە.
بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ باشقا نازۇك مەسىلىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى نەچچە ھەسسە قاتتىق كونترول قىلىشى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىدۇر.
شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان بىر ئامېرىكىلىق ژۇرنالسىت يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىسىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قاراتقان كونتروللۇقىنىڭ ئەڭ ئېغىرلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنى يالغاننى تەشۋىق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست لېسلى ئان جونېس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر ئېلىش، خەۋەر يېزىش ئەركىنلىكىنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە قانداق قىلىپ غەلىبە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ شاڭخەيدىكى بىر ژۇرنالدا ئىشلەش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىيىن» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىگە «مەن خىتايغا سېتىلدىم» دەپ ماۋزۇ قويغان. ماقالىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە ئۇ «بىر ژۇرنالىست ئۆز - ئۆزىگە ساقچىلىق قىلىشقا باشلىغان بولسا، قامال ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى دېگەنلىكتۇر» دېگەن. ئاپتور ئۆزىنىڭ كالىفورنىيەدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېتتا ژۇرنالىستلىق كەسپىنى ئوقۇغانلىقى ۋە كېيىن خىتايدا چىقىدىغان ئايلىق ژۇرنالغا خىزمەتكە كىرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن خاتىرىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان :
- مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە «سېتىلدىم». تولىمۇ ئەزانغا. لېكىن مەن ئۆزەمنىڭ سېتىلغانلىقىنى خېلى ئۇزۇنغىچە يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 10 كۈنلۈك بىكارلىق زىيارەتكە بارغۇچە ھېس قىلمىغان ئىدىم. بۇ «ئاپتونوم» دېگەن سۆز سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا ھەممە نەرسىنى تاپالايسىزيۇ، ئاپتونومىيەنى تاپالمايسىز. بۇ 10 كۈنلۈك بىكارلىق زىيارەت دېگەن سۆزمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنى ئەسلىدە «پۇت - قولنى باغلاپ ئاپىرىپ، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىش» دەپ ئاتىساق توغرا بولىدۇ. بۇ زىيارەت خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىغا قاراشلىق بىر ئورگان تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ژۇرنالىست لېسلى جونېس شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان ژۇرنال قارىماققا خۇسۇسىي ژۇرنال بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر سان ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىچىدە يەر ئالىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۇدۇل بېيجىڭغا ئەۋەتىلىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بېيجىڭدىن كېسىدىغان يەرنى كېسىپ، چىقىرىدىغاننى چىقىرىپ، ئۆزگەرتىلىدىغان يەرلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاندىن نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى يازغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ژۇرنال تەھرىرلىرى ئۇنىڭغا تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى ۋە تيەنئەنمېن ۋەقەسى، ئوخشاش جىنسلىقلار مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر نەرسە يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مۇخبىر ماقالىسىدە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆپلۈكىنى تۆۋەندىكى جۈملە بىلەن ئىپادە قىلغان:
- بىزگە قويۇلغان چەكلىمىلەر ھەددىن زىيادە گۇمانخورلۇق كېسىلى دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بىز ھەتتا بىر قېتىم «فوربىسنىڭ مىلياردېرلار تىزىملىكىدىن 64 نەپەر جۇڭگولۇق ئورۇن ئالدى» دېگەن تېمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىنغان ئىدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ 6 دېگەن رەقەم بىلەن 4 دېگەن رەقەم 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈن قەستەن بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىمىش. پۈتۈن بۇ چەكلىمىلەرگە قارىماي، مەن يەنىلا خىزمىتىمنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىگەن ئىدىم. مەن خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىش مەسىلىسى، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىشلىدىم. ماقالەم ھەر قېتىم بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەندە جىددىيلىشىپ كېتەتتىم. لېكىن مەن ھېچقاچان شىنجاڭغا بارغاندىن كېېيىن ئۇچرىغاندەك چوڭ مەسىلىگە ئۇچراپ باقمىغان ئىدىم.
مۇخبىر جونېس ماقالىسى داۋامىدا 20 كىشىلىك مۇخبىر ھەيئىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمىي بىر شەھەر بولسىمۇ، ماۋ زىدۇڭ بۇ يەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مىليونلىغان خىتاي كۆچمەننىڭ رايونغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىنىڭ بىر قانچە مەسچىتنى ھىسابقا ئالمىغاندا خىتايدىكى ئىگىز ئىمارەتلىك شەھەرلەردىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى قالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە «ھازىر شىنجاڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنتايىن قاتتىق. ھۆكۈمەت بولغۇسى تېررورلۇق ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەرلىك مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرى نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا تولۇپ تاشقان تۇرۇقلۇق، ئۇلار خىتايلاردىن تۆۋەن مائاش ئالىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىسمى پەقەت بۇ يەردە ۋەقە بولغاندىلا ئاندىن تىلغا ئېلىنىدۇ» دەپ بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىگە چۈشكەندىن كېيىن مېھمانخانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىغىندا بىر رەھبەر ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ھەققىدە 12 بەتلىك بىر دوكلاتنى بىر سۆزنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ بەرگەن. ئاندىن ئىككىنچى كۈنى ئۇلار غۇلجىغا قاراپ يولغا چىققان. مۇخبىر ئۆزلىرى بىلەن بىللە ساياھەت قىلىۋاتقان بىر ياش خىتاي مۇخبىردىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوستى بار - يوقلۇقىنى، ئەگەر بولسا ئۇ ئۇيغۇردىن 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سوئال سوراشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ خىتاي مۇخبىر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «ئۇيغۇرلار دېگەن سىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى نېگىرلارغىلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ ۋەقە پەيدا قىلىۋاتقانلىرى شۇ خىل ئىمكانغا ئېرىشەلمىگەنلىرى خالاس» دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇخبىر غۇلجىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
- غۇلجىدىكى زىيارىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا تەشۋىقاتنى ئاساس قىلغان ئىدى. ئۇزۇن، زېرىكىشلىك ۋە ئادەمنى قايىل قىلالمايدىغان ئۇششاق ئىشلار. ئۇلار بىزنى بىر كۈن ئېچىتقۇ زاۋۇتى، كۆكتات پارنىكى، ئۆي سايمانلىرى سارىيى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدۇردى. شىنجاڭ ئەسلىدە ئىنتايىن گۈزەل جاي ئىكەن. مەن كامېرام بىلەن نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئالدىم. بۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن باشقا مەدەنىيەتلەرمۇ بار. لېكىن بىزگە گەپ قىلغانلار ھەممىسى رەسمىي تىل بولغان خىتاي تىلىدا سۆزلىدى. ئاندىن بىزنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلار يەنە بىزگە تۆۋەن كىرىملىكلەر ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە چىلانلىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆزلىدى. ئاندىن يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بىزگە پارتىيىنىڭ بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيلەپ بەردى. بىز يەرلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمىز پەقەتلا ئۇلار ئورۇنلىغان ناخشا - ئۇسۇلنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلەندى. مىللىيچە كىيىم كىيگەن ئۇسۇلچى ئۆسمۈر ئۇسۇلچىلار ھەر بىر كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بار ئىدى.
مۇخبىر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، ئۆزى شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماقالە يازماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە زىددىيەت ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر شارائىت ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىپ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى يېزىشقا رايى بارمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئەسلىدە بىر ھىيلە ئىشلىتىپ شىنجاڭدىكى ھەقىقىي بولۇۋاتقانلارنى ئېلان قىلىۋېتىشنىمۇ ئويلاشتىم. ئەمما ئۇنداق قىلسام مەن خىزمىتىمدىن قۇرۇق قالاتتىم. مېنىڭ باشلىقىم بەلكىم ژۇرنالنى تاقاشقا مەجبۇر بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يۈزۈمدىن يەنە نۇرغۇن كىشى خىزمىتىدىن قۇرۇق قالاتتى. شۇڭا مەن ئۇنداق قىلىشتىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى يازغانلىرىم ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قارايتقانغا چۇشلۇق بىر ئىش ھەل بولمايتتى. مانا بۇ خىتايدا ئاخبارات كونتروللۇقىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سىر» دېگەن.
ئاپتور يۇقىرىدىكىدەك ئويلىغاندىن كېيىن ماقالىسىنى ئاددىيلا قىلىپ يېزىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭمۇ تەھرىر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :
- مەن ماقالەمدە شىنجاڭدىكى زىيارىتىم جەريانىدا بىر جياڭسۇلۇق سودىگەرنىڭ ماڭا «شىنجاڭ دېگەن ياخشى ماكان، لېكىن يەنىلا جياڭسۇغا يەتمەيدۇ، دېگەنلىكىنى، بىر سودا بازىدا بىر ئايالنىڭ كالتەك، توقماق ۋە قالقان سېتىپ ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆزەمنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىمنى يازدىم. ئەمما مۇشۇ ماقالەم چېغىدا تەھرىرنىڭ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزۇۋېتىپتۇ. بىر ۋاقتتا ئالدىمغا لىق بويالغان ماقالەمنى قايتۇرۇپ ئەكەپ بېرىلدى. ئۇلار چىقىرىۋەت دېگەن يەرلەرنى چىقىرىپ، ئۆزگەرتىپ قايتا ئەكىردىم. يەنە بولمىدى. ئۇلار زادى مېنى نېمە قىل دەيدۇ؟
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا مانا مۇشۇنىڭدەك ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى يازالمايۋاتقان نۇرغۇن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بارلىقىنى، يازغانلىرىنىڭ ۋىزىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە خىتايدىكى بۇ چەكلىمە بىلەن كۈرەش قىلغۇدەك ئۈنۈملۈك يولنىڭ تېپىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
0:00 / 0:00