مەركىزى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار ناملىق خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 11 - دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن، «بىز رەئىس شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغۇچە، بارلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى بۇ قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز.»
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ئۆزىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك يىغىنىدىلا ئىشەنچنى يوقاتقان. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى خىتايدا تىجارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شىركەتلەرنى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقىغا كەلتۈرۈش ئىكەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار باياناتىدا يەنە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىنى تەنقىدلەپ: «خىتاينىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە يول قويمايدىغانلىقىغا ھېچقانداق گۇمان قالمىدى» دېگەن.
چېگراسىز مۇخبىرلارنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنيامىن ئىسمائىل سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى دۇنيادىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ سىستېمىلىق چەكلەۋاتقان دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ باياناتىمىز يالغۇز دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىغىلا رېئاكسىيە بىلدۈرۈپ قالمىدى. ئۇ يەنە خىتاي تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېينىڭ قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي دۇنيادىكى تورغا چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنتېرنېتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ئۇ سەددىچىن توسمىسى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن مالىيە، ئادەم ۋە تېخنىكا كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تورغا چەكلىمە قويدى، كومپارتىيە ئۈچۈن ‹سەزگۈر› دەپ قارالغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى توسۇپ كەلدى.»
بېنيامىن ئىسمائىلنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي خىتاينىڭ تورنى كونترول قىلىش سىياسىتى بىلەن تور ئەركىنلىك پرىنسىپىنىڭ ئۆز - ئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بېنيامىن ئىسمائىل مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تۈنۈگۈن پۇ جىچياڭ ئۈستىدىن سوت ئاچتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئادۋوكات، تور پائالىيەتچىسى، ئۆكتىچى، ژۇرنالىستلار ۋە ياكى دۇنيانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن تورداشلارغا قارشى قويغان تور چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئەڭ تىپىك قۇربانى. پۇ جىچياڭ خىتاي مىكروبلوگىغا 7 قېتىم ئىنكاس يازغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى. مانا ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بىلەن خىتاينىڭ تور ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى رەسمىي سىياسىتىنىڭ ئۆز - ئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.»
لېكىن خىتاي ئاخباراتى، ئىككى كۈنلۈك قۇرۇلتايدا ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، شىركەتلەر، پەن - تېخنىكا ساھەسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «دۇنيا ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى، ئىنتېرنېت سانائىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رولى، كەشپىيات ۋە ئىنتېرنېت پەلسەپىسى» قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت كابىنېتى تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېي ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، تورنى باشقۇرمايدىغان ھېچقانداق دۆلەت يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئەركىنلىك بىلەن قائىدە - تەرتىپ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، تورداشلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن» دېگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «فەيسبوك»، «تۋېتىر»، «لىنكىتئىن»، «گۇگۇل»، «ۋىكىپېدىيە»، «ئامازون» قاتارلىق خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ تورىنى خىتايدا چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بۇ شىركەتلەرنى ۋۇجېندىكى دۇنيا تور قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلغان.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەكلىپنى قوبۇل قىلغان شىركەتلەرنى تەنقىدلىگەن. «بۈيۈك ئاتەش» ناملىق ئۇچۇر ئەركىنلىك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى چارلېي سمىس چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزىدە: «ئەگەر چەتئەللىك مېھمانلار بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تورنى ئەركىن قويۇۋېتىشىگە ياردەمدە بولىمىز، دەپ ئويلىغان بولسا خاتالىشىدۇ» دېگەن.
لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، دۇنيا ئۆز - ئارا تورلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنى بازار قوغلىشىشتىن توسۇش رېئاللىققا بەك ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.
خىتاي دۇنيادىكى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئادەم ئەڭ كۆپ دۆلەت. ئۇنىڭدا 640 مىليون ئەتراپىدا ئادەم كومپيۇتېر قوللىنىدۇ. ئۇ خەلقئارا چوڭ شىركەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور بازار.
ئەمما چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنيامىن ئىسمائىل، قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىشتىن باشقا يول يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر غەربتىكى چوڭ شىركەتلەر قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلسا، ئۇ خىتاينىڭ مەيدانىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
بېنيامىن ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىز خىتاينىڭ تورغا تۇتقان پوزىتىسىيەسىنى، ئۇنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قويغان چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېگەن سىگنالنى بېرىشتىن، قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىشتىن باشقا يول يوق دەپ قارايمىز. قۇرۇلتايغا قاتنىشىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرغانلىق. چۈنكى بۇ يىغىنغا شى جىنپىڭ ۋە لۇۋېي قاتنىشىدۇ. شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ پىلانىنى بازارغا سالىدۇ. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورنى كونترول قىلىشى، ئۇچۇرنى كونترول قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىردىن - بىر يولى قۇرۇلتايغا قاتناشماسلىقتۇر.»
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋىكىپېدىيەنىڭ قۇرغۇچىسى جىمىي ۋولىس بىلەن تومسون، رويتېرسنىڭ باش درىكتورى جېيمىس كلىفتون سمىس خىتاينىڭ 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 16 - دېكابىر يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. خىتاي دۆلەت كابىنېتى تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېي 9 - دېكابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا، قۇرۇلتايغا رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋىدېف، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف قاتارلىق شەخسلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تورنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تورنى قانداق باشقۇرۇشقا باشقا دۆلەتلەر ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.
0:00 / 0:00