مەمەت توختى ئەپەندى چىرا ۋەقەسىدىكى پىدائىيلارنىڭ يېشى ۋە ئىرادىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

0:00 / 0:00


مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى 28 - يانۋار چىرا ۋەقەسىگە چېتىشلىق 3 نەپەر پىدائىينىڭ چوڭى 18 ياش، كىچىكى 16 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى ۋە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلاردىن 17 ياشلىق ئۆمەر ئابدۇغېنى بىلەن 18 ياشلىق ئۆمەر مەمەت 200 گە يېقىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان پەيتتىمۇ تەمكىنلىكىنى يوقاتمىغان، ئۇلار يەنە ئۈنلۈك ھالدا كەلىمە شاھادەت ئوقۇپ دۇنياۋىي ھايات بىلەن ۋىدالاشقان. پىدائىيلاردىكى بۇ روھىي ھالەتنى مۇلاھىزە قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، نۆۋەتتىكى قارشلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆسمۈر پىدائىيلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ مۇلاھىزىسىدە بۇ ھادىسىنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە پىسخىك سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.