1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
تارىخشۇناسلار بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى خىتايدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شۇنداقلا 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلىماقتا.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 19-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇنداقتا، 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» گە 30 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ۋەقەنىڭ مۇھاجىرەتتە شاھىتلىرى نېمە دەيدۇ؟
12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى يېتەكچىلىرىدىن بىرى، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۇرمۇھەممەت مۇساباي بۇ ھەقتە ئاڭلارمەنلەرگە ئۆز ئەسلىمىسىنى تەقىدىم قىلدى. ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە 1985-يىلى 12-دېكابىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر ھەققىدە توختالدى.
نۇرمۇھەممەت مۇساباي يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن قانداق ئەھۋالدا سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى يەنە بىر تەشكىللىگۈچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ ئۆز ئەسلىمىسى ئارقىلىق بۇ ھەقتە تولۇقلىما بەردى.
مەمەت توختى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ‹12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى› مانجۇ سۇلالىسى 1885-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ›، يەنى ‹يېڭى چېگرا› ياكى ‹يېڭى تېررىتورىيە› دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىگە 100 يىل تولغان كۈنگە توغرا كەلگەن. بىز بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتىنىمىزگە ‹شىنجاڭ› دېگەن ئاھانەتلىك نام تېڭىلغانلىقىغا 130 يىل بولغان كۈندە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىنى ئەسلەۋاتىمىز!...»
ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر يېتەكچىسى، بۈگۈن كانادادا ياشاۋاتقان تۇرسۇن نۇردۇن ئەپەندىمۇ چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە كۆپچىلىككە ئۆز ئەسلىمىسىدىن ئارىيە سۇندى. ئارقىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شاھىتلاردىن ئابدۇللىم ئابابەكرىمۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قانداق قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى تەقدىم قىلدى.
شاھىتلارنىڭ 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرات ئالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئازاسى ساجىدە خانىم سۆز قىلدى. ئۇ بارلىق ئۇيغۇر ئانىلار نامىدىن بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوت يۈرەك ئوغۇل، قىزلارغا چوڭقۇر تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز. (داۋامى بار)
0:00 / 0:00