1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە (2)
2015.12.28

1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار نامايىشلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە» دەپ توۋلىغان چۇقانلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلىرىنى يازدى.
كۆزەتكۈچىلەر، «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئۆز خاراكتېرى ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي تەسىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە مىللىي ھوقۇق يولىدىكى بىر قاتار زەنجىرسىمان نامايىشلىرىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى، دەپ ھېسابلىماقتا.
ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى بۇ زور تارىخىي ۋەقە ھەققىدە بۈگۈنكى ھايات شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ جانلىق ئەسلىمىلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى سەھىپىلىرىگە قانداق ئۈلگىلەرنى تەقدىم قىلىدۇ؟
بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شاھىتلاردىن نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى جانلىق ئەسلىمىسى ئارقىلىق يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى.
ئۇ ئۆز بايانلىرىدا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇل ستۇدېنتلارنىڭ 1985-يىلىنىڭ 12-دېكابىر كۈنىدە قار-مۇز قاپلىغان ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى داغدۇغىلىق شوئارلار بىلەن لەرزىگە كەلتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھاياجان ئىلىكىدە بايان قىلدى.
شاھىتلاردىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئابدۇللىم ئابابەكرىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇ، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشلانغان بۇ زور ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئۆز ئەسلىمىسىدە «12-دېكابىر نامايىشى» نى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تارتىشما ۋە مۇنازىرىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ يەنە ماھىنۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇنازىرە ئۈستىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى جانابىل بىلەن ئېلىپ بارغان مۇرەسسەسىز تارتىشمىسى ھەققىدە ئالاھىدە قىستۇرما بەردى.
شاھىتلاردىن مەمەت توختى ئۆز ئەسلىمىسىدە 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ تەسىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ ئاشۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كېيىنكى بىرقانچە يىلدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان نارازىلىق نامايىشلىرىغا پىلتا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «شادگۈل ئۇيغۇر پاجىئەسى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە شۇ يىللاردا تونۇلغان كىنو ئارتىسى شادگۈل ئۇيغۇرنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچرىشى سەۋەبلىك كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئالدىن كونترول قىلىشى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاقىرىقىغا ۋاقتىدا ئاۋاز قوشالماسلىقى سەۋەبلىك قوزغىلالمىغانلىقى مەلۇم.
يۇقىرىدا 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە» ناملىق مەخسۇس پروگراممىنىڭ 2-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئاخىرقى قىسمى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.