ئۇيغۇرلار گوللاندىيەدىكى مىسىر قەتلىئامى نامايىشىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدەتتى

0:00 / 0:00

18‏-ئاۋغۇست گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا سوت مەھكىمىسىنىڭ يان تەرىپىدە ئېلىپ بېرىلغان، مىسىر قەتلىئامىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق نامايىشچىلار ئارىسىدا لەپىلدىدى.

نامايىشچىلار دۇنيا ئەھلىنى ئادالەتكە، ئىتتىپاقلىققا، ئىنسانلىققا چاقىردى. دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان باياناتلار ئوقۇدى ۋە شوئارلار توۋلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دەنھاخ شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، زۇلۇمغا قارشى تۈزۈلگەن بىرلىك سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ماختىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىققىتىدىن سىرتتا قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ھۆرلۈك ۋە سائادەت ئىچىدە بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا تەۋەلىكىدىكى ئۆزلىرى تەمسىل قىلغان جەمئىيەت ۋە شەخسىي سالاھىيىتىدىكى ھەر تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 300دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر نامايىش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن، 5 كە قەدەر 2 سائەت داۋام قىلدى.

نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ نامايىشقا قېتىلىشىدىكى سەۋەب-مەقسەتلىرىنى ئىنسانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق پىكرىدە يەر ئالغان ئۆزگىچە بىر مەزمۇن، ئوتتۇرا شەرقتىكى زۇلۇم ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ، ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېسداشلىق قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك بۈگۈنكى ئېغىر ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، زۇلۇمغا قارشى بىرلىشىشنىڭ مۇھىملىقىدا ئىپادىلەندى.