2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان «دىيارىم» تورىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھاتنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. دىلشات پەرھاتنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى دىلمۇرات پەرھاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلشات پەرھات 2014-يىلى 5 يىللىق جازا مۇددىتى تولۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا كىملىك بېرىلمەي، يەنىلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئائىلە نازارىتىگە ئېلىنغان ئىكەن. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلمۇرات پەرھات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىنىسى دىلشات پەرھاتنىڭ بۇ يىل 6-ئاي مەزگىلىدە قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.
دىلشات پەرھات 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدىن «دىيارىم تورى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساھىبى ئىدى.
دىلشات پەرھات بىرىنچى قېتىم 2009-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ شۇ يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە «ئۇيغۇربىز»، «دىيارىم»، «شەبنەم»، «سەلكىن»، قاتارلىق تور بېكەتلىرى «قۇتراتقۇلۇق خەۋەرلەرنى تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىشى سەۋەب بولغان ئىدى.
دىلمۇرات پەرھات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنىسى دىلشات پەرھات 2014-يىلى 8-ئايدا 5 يىللىق جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن. نورمال كىملىك رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلمىگەن دىلشات پەرھات تاكى بۇ يىل 6-ئايدا قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا قەدەر ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارغا بېرىشىغا يول قويۇلمىغان. ئۇ ھەتتا ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىمۇ كىشىلەر بىلەن بولىدىغان نورمال-ئالاقىسى ۋە تىرىكچىلىك ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالەتتە ياشاشقا مەھكۇم بولغان.
2009-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە پارتلىغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تور بېتىنى تاقىغان. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر بىز»، «دىيارىم»، «شەبنەم»، «سەلكىن» قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاپ، بۇ تور بەتلىرىنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ پارتلىشىدا «قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن، دائىرىلەر «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكەت ساھىبى، تور باشقۇرغۇچىلار ۋە تور بازارلىرى ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇلارغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
ئەينى چاغدا، يەنى 2010-يىلى، 22-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان سوتتا «دىيارىم» تورىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھاتنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا، «شەبنەم» تورىنىڭ ساھىبى نىجات ئازادنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، «سەلكىن» تور بېتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىمنىڭ 7 يىللىق قاماققا، تور يازارى نۇرئەلىنىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنىپ ئەيىبلەنگەن «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەقىب ئاستىدا ئېلىنغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇھەممەت ئابدۇللا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان؛ «ئۇيغۇربىز» تورىدا ماقالە ئېلان قىلغان زىيالىيلاردىن شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ «مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، 2014-يىلى 9-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.