ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى : بۇلغانغان مۇقەددەس ھوقۇقلار - ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.03
turk-TV-xitay-eskerliri-mechit-ustide-305.jpg 9 A تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئۈستىدە جىددىي ھالەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ل30-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى بولۇپمۇ 2005 - يىلى يېڭى دىنىي ئىشلار سىياسىتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ جىنايەت كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، خەلقئارا قانۇنلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلارنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتقا «بۇلغانغان مۇقەددەس ھوقۇقلار : ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. دوكلات 100 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى دىنىي ئىشلار سىياسىتىگە بىر قىسىم تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزگەندىن بۇيانقى دىنىي ۋەزىيەت ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار مىساللار بىلەن بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى دىنىي ئىشلار سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان دىنغا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە قول تىقىپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. بولۇپمۇ، بۇ يېڭى سىياسەت ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا ئوخشاش خىتاي ئۆلكىسى بولمىغان رايونلاردا ناھايىتىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دىننى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى، بولۇپمۇ ئۆزىنى خىتايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 2005 - يىلىدىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىر دىنىي بېسىملارغا ئۇچرىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرگىمۇ جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ سىياسەت خىتاي قانۇنلىرىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقتىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنىمۇ كىيەلمەيدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.

بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شادزېۋېسكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ 2005 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان دىنىي سىياسەتنىڭ تولىمۇ زىددىيەتلىك ۋە مۇجىمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ زادى دىنغا قانداق ئىشىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ. چۈنكى دىن مىللىي ئەنئەنىنىڭ يادروسى» دېدى.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تامامەن سىياسەت بىلەن كونترول قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئايرىمىچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىيىمىگە، باش ياغلىقىغا ئارىلىشىۋېلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلارنى، ئىماملارنى قەرەللىك ھالدا سىياسىي كۇرسلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بارالمايدىغانلىقى، ياشلار، ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش، مەسچىتكە كىرىشتىن چەكلىنىدىغانلىقىدەك مەسىلىلەر پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھېنرىي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا بۇنچىۋالا ئارىلىشىۋېلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ «دىن - ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى شۇنداقلا ئۇلارنى خىتاي مىللىتىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بىر ئامىل. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا رايونغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق بىر كونترول قىلىش كۈچى بولۇشىغا يول قويمايدۇ. شەرقىي ياۋرۇپادىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىدىمۇ خرىستىئان چېركاۋلىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ دىننى ۋە دىنىي ئورگانلارنى كونترول قىلغاندىلا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ» دېدى.

ئەمما ھېنرىي ئەپەندى يەنە ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلىرىنىڭ رايوندىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى تىنچلىقپەرۋەر بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق بىر بېسىمغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە تاجاۋۇز قىلىشقا بېرىپ يەتكەندە مارالبىشىدىكىدەك ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلاتىدا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىگە يارىشا مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەت بولۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ھېنرىي ئەپەندى بولسا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قارار چىقىرىدىغان سېستىمىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىشى كېرەك» دېدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، دەردىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى بۇ سېستىمىنىڭ ئىچىگە ئېلىش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىش رايوندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.