«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل رامزاندا داۋاملىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى روزا تۇتۇشتىن توسۇپ، ئۇلارغا كومپارتىيە نەزەرىيىسىنىڭ روھىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا: «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى روزا تۇتۇشتىن توسۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ۋەدىنامىگە ئىمزا قويدۇرۇپ، ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ۋە دوست- يارەنلىرىنى روزا-رامىزاننىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىققا مەجبۇرلىغان.»
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ۋىلايەتلەردە خىتاي پارتىيە كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزى تاماق يەۋاتقان ياكى يېمەيۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا چىقارغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى» ماقۇللاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغانلىقى، دىنىي ئىشلارنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بىراق خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئاغزىدا دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دېلىۇس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان جەريانىدا ئىپادىلىگەن خاراكتېرى بىزنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يىل كۆرگەنلىرىمىز بۇ يىللىق رامزان تېخىمۇ قاتتىق چەكلەندى، دېگەن تەسىرات قالدۇردى. بولۇپمۇ بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيە ئۆزىنىڭ خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ، رامزان جەريانىدا دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توستى. بۇ دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور مەسىلە. خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن كۈندىلىك دىنىي ئىبادەتلەردە دەل بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەرنىڭ نورمال دىنىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ».
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىل رامزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەشنى ئاخبارات ئۇستىلىرىدا بەك قاتتىق داۋراڭ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەمىلى ھەرىكىتىدە روزا تۇتۇش چەكلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان.
خوتەندە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر يېزا كادىرى رامزاننىڭ ئالدىدا رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، مەسچىتلەرنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كادىر: بىز كادىرلار مەسچىتنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز، بىخەتەرلىكنى قوغداپ. جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچىلىق تۇرىمىز.
مۇخبىر: قانچىلىك ئادەم ئوقۇيدۇ ھەر جۈمەدە، قانچىلىك ئادەم كېلىدۇ؟
يېزا كادىرى: تەۋەلىكتىكى ھەر جۈمەگە شۇ 250، 300 ئادەم بارىدۇ. ياشلاردىنمۇ بار، قېرىلارمۇ بار.
مۇخبىر: ياق، دېمەكچى بولغىنىم 18 ياشتىن تۆۋەنلەر بارمۇ، جۈمە كېلىدىغان؟
يېزا كادىرى: ياقەي، ئۇنداقلار ھەرگىز كىرەلمەيدۇ. مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار بارىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى قەتئىي كىرىشكە بولمايدۇ.
بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرخىل بەلگىلىمە ۋە ھەر خىل چەكلىمىلەرنىڭ مەنتىقىسىنى چۈشەنمەك بەك مۈشكۈللۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە سەنئەتچى رەخىمە مەخمۇت خانىم مۇنداق دەيدۇ: «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش دېسە،ئۇ رادىكاللىق قىلغان ياكى بۇرۇن دىنىي بەك كۈچلۈك ئەمەس، تۇيۇقسىز دىندار بولۇپ تۇيۇقسىز ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر بولغانلار بولسا، بۇ نېمە مەقسەتتە مۇشۇنداق بولدى، دەپ ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر نېمە قىلسا، ئۇ يەنە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدۇ، ئەقلىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بىراق ئادەتتىكى بىر دېھقاننىڭكى، ئادەتتىكى بىر پۇقرانىڭكى روزا تۇتۇش تۇتماسلىقى، ئۇ شەخسى بىلەن، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئىش. بىر دۆلەتنىڭكى شۇنچىلىك بىر ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئۇنچىلىك جىددىي ۋە ئەنسىزلىك قىلىشى بۇ بىر بىنورماللىق. مەن ئۇنى ھېچقانداق بىر لوگىكىلىق نۇقتىدىن چۈشۈنەلمەيمەن، ھېچقانداق بىرسى چۈشۈنەلمەيدۇ».
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە يولغا قويۇپ كەلگەن «بەشتە بىرگە بولۇش» سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. باياناتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومپارتىيە خادىملىرىنى مۇسۇلمان ئائىلىلەرگە ئەۋەتىپ، ئەمگەك، تاماق، سۆھبەت ۋە يېتىپ قوپۇشتا بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىشى، «مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ يېقىندىن نازارەت قىلىش» نى مەقسەت قىلغانىكەن.
ئۇلرىخ دېلىۇسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئائىلىلەرگە كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىش جەھەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشتۇر.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كومپارتىيە ۋە كوممۇنىستىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە كىرىپ تۇرۇشى، بۇ پۈتۈنلەي يېڭى تەدبىر. تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر. چۈنكى، ئۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى قورقۇتالايدۇ، ئۇلارنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىگە قورقۇ سالالايدۇ. مەن بۇلارغا قاراپ ئورۋېلنىڭ «1984-» ناملىق ئەسىرى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئاڭلىغان. بۇنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى، بۇ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە زور كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىشنىڭ يېڭى بالدىقى».
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى باياناتىدا يەنە، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا رېستورانلارنىڭ كۈندۈزى مەجبۇرى ئېچىلىدىغانلىقى، كېچىسى ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، روزا تۇتقان ئۇيغۇرلارنى تېپىپ چىقىدىغانلىقى ۋە جازالايدىغانلىقى، قاراقاش ناھىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسىغا، تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
0:00 / 0:00