چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنى نۇقتىلىق جۇڭگودىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى تېما قىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 25-سېنتەبىر ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا چاقىرىلدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى تىنا مۇففورد خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، د ئۇ ق، «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى»، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىدىكى خىتاي خرىستىئان دىنىي زاتلار بايانات بەردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مۇھىت، دىنىي ئەركىنلىك، ئانا تىل، مەدەنىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ھەر ساھەدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر: «ئامېرىكىغا شى جىنپىڭ ئەپەندىم خىتاينىڭ پرېزىدېنتى كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە يىغىن ئېچىۋاتىمىز. شى جىنپىڭ كېلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلىپ، قانچىلىك ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا خېلى بولدى، بىز ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ (شىنجاڭغا) چىققان 60 يىلدىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىكىمىز، تىلىمىز، بىزنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز، ئېكولوگىيەمىزنى ھەممە جەھەتتىن يوق قىلىپ، دەپسەندە قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ چىققاندىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئەربابلىرىنى مىڭلاپ تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز ۋە ھېچقانداق سوتسىز قىرغىن قىلىشنى يولغا قويدى.»
رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئەھۋالدا پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى نۇقتىلىق كەسكىن ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە يېشىل چىراغ يېقىشتەك خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر، «ئوباما ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغىنىمىز، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيىسى بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىدەك كەسكىنلىشىپ كەتتى. ماۋ زېدوڭنىڭ ۋاقتىغا قايتىپ كەلدى. ئۆلۈۋاتقان ئادەملەر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئادەملەرنى بىز ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلدۇق، بۇ بىزنىڭ ئىچكى مەسىلىمىز دېسە، دۇنيا بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى، دەيدىكەن. دۇنيا بۇ جۇڭگونىڭ مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ دۇنيانىڭ مەسىلىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا ئارىلىشىشى كېرەك. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇشى كېرەك.»
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم زىيارىتى رىم پاپاسى فرانشىس ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان مەزگىلدە ۋاشىنگتونغا كېلىدۇ. پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى پاپا فرانشىسنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغاندا دىنىي ئەركىنلىك ئۇلار نۇقتىلىق تەكىتلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇچىڭ سېرىن ئاخبارات يىغىنىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ شى جىنپىڭغا خىتايدىكى خرىستىئانلار، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مەزھەپلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە كۈچلۈك ۋە كەسكىن بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇچىڭ سېرىن مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇ ئامېرىكا دنا نىڭ بىر پارچىسى. دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق دۆلەتتە دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولسۇن-بولمىسۇن، ئەمما بۈگۈن خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ يوقلۇقى ھەممە كىشى بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان پاكىت.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. پرېزىدېنت ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتىۋېلىۋاتقان بۇنداق مەزگىل ئۇ دىندار كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىنى خۇسۇسەن تىبەت، ئۇيغۇر، خرىستىئان ۋە باشقا دىنىي مەزھەپ ئەزالىرىنىڭ مەسىلىسىنى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويىدىغان پەيت.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان ساھىبخانىلارنىڭ بىرى. بۇ ئورگان ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئىنتايىن ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن.
ئاخبارات يىغىنىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى تىنا مۇففورد خانىم ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ئۇ تېگىشلىك ئورۇنغا تىزىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
تىنا مۇففورد مۇنداق دېدى، «بىز ھەر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا ئىزچىل خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە كۆزىتىش ئوبيېكتىدىكى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدۇق. ئەپسۇسكى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى داۋاملىق خىتاينى ئۇ لايىق بولمىغان قاتارغا تىزىپ كەلدى. دۇنيا شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەك، خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ئەللەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ناچار ئەھۋالى خېلى داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.»
ئاخبارات يىغىنىدا خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇچىڭ سېرىن ئاگاھلاندۇرۇپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىم قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ئەھۋالدا مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە، دەپ ئويلاپ قالماسلىق كېرەك. ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ مەسىلىنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىز ۋە قانداق مەنىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزدۇر. سىز مەسىلىنى تىزىملىكتىكى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا قويماي، سىزنىڭ ئۇنى مۇھىم مەسىلە، دەپ قارىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇتتۇرىغا قويۇشىڭىز مۇھىم. مەن ئويلىغان يەنە بىر مەسىلە بار، ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ ياكى ئوتتۇرىغا قويۇشى زۆرۈر، دەپ قارايدىغان. ئۇ شى جىنپىڭغا شۇنى دېيىشى كېرەك، دىنىي ئېتىقادقا ئىخلاس باغلاش دۆلەتكە ئىخلاس باغلاشقا زىت ئەمەس. ئەگەر بۇ نۇقتا ئايدىڭلاشسا، جۇڭگودا دىنىي ئەركىنلىككە تېخىمۇ ياخشىراق چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ.»
لېكىن ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىدىكى خىتاي خرىستىئان دىنىي تەشكىلاتى - «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كودىي كېسس، ھازىر جۇڭگو تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىدە تۈرمىدىكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قامالغان مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ئەڭ جىددىي مەسىلە. بىز كۆپ ھاللاردا يەر مۈلك داۋاسى ياكى باشقا مەسىلىلەردە تۈرمىگە سولانغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى بىلىمىز. لېكىن، بۇلارنىڭ مەسىلىسى دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغانلاردىن پەرقلىق. چۈنكى، ئۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان. شۇڭا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى مۇھىم، دەپ قارايمىز.
ئاخبارات يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك بۇزغۇنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئورتاق چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىردى.
رابىيە قادىر: «مۇشۇنداق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ كۆرىدىغان چارىلىرىنى، مەيلى ب د ت بولسۇن، مەيلى غەرب دۇنياسى، مەيلى دېموكراتىك دۆلەتلەر بولسۇن، بىرلىشىپ بۇنداق دىكتاتورلارغا تاقابىل تۇرىدىغان سىياسەتنى بەلگىلەش كېرەك. گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ قىرغىن قىلىنىپ بۇنداق ئۆلۈشى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، بۇ دۇنيانىڭ مەسىلىسى، دەپ قارايمىز» دېدى.
بۇ چاقىرىق ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى قانداق، قايسى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما پرېزىدېنت ئوباما شى جىنپىڭنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغاندا شى جىنپىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتاي خرىستىئانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگوڭچىلارنى كۈچلۈك نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر.