ياۋروپادا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىنىڭ روھى تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

28-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن قانال ئا تېلېۋىزىيىسىنىڭ «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت» دېگەن نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، ياۋروپادا ئېچىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كۈرىشى» يىغىنىنىڭ روھى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى.

پروگراممىدا تۈرك ژۇرنالىست فەخرىددىن دامغا ئەپەندى، خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتتە قوش بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى نىسبەتەن ئەركىن ھالدا ئادا قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دەل ئەكسىچە دىنىي ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى، خىتايلار ئۆزلىرى لايىھەلىگەن ئاساسىي قانۇنلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۆزلىرى خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پروگراممىدا سادىق يالسىزئۇچانلار ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىلھام توختىنىڭ «ئەگەر مېنى ئۆزى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى دېسە ھەرگىز ئىشەنمەڭلار» دەپ ۋەسىيەت يازغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتايدا ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سادىق يالسىزئۇچانلار ئەپەندى، تۈركىيەدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھايات ۋاقتىدا يەنى ئۇ دەۋرنىڭ دۆلەت رەئىسى مەرھۇم تۇرغۇت ئۆزالنىڭ زامانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەر زامان كۈنتەرتىپتە تۇرغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ژۇرنالىست سادىق يالسىزئۇچانلار ئەپەندى قانال ئا تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان پروگراممىسىدا تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا بىر ئىش قىلىش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ بۇ توغرىدا دوكلات ھازىرلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تەقدىم قىلىشى كېرەك. تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قەتئىي ھالدا ئاڭلىتىش كېرەك. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى كېرەك. بولۇپمۇ مەتبۇئاتلار ۋە ژۇرنالىست دوستلىرىمنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاساسلىق بىر مەسىلە بولۇش كېرەك. تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خاتا قەدەم باسماسلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ داۋاملىق دوكلات ھازىرلىشى، يىغىن-مۇراسىم، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى، خەلق ئاممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشى كېرەك.»

قانال ئا تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى سادىق يالسىزئۇچانلار ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىككى قىسىملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۈگۈن خىتاينىڭ ئېغىر، شىددەتلىك باستۇرۇشى ئاستىدا. ئاساسىي قانۇندىكى ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان. دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ئاياق ئاستى قىلىنغان. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋىجدان ساھىبى بولغان ھەر كىشىنىڭ بۇرچىدۇر.»

سادىق يالسىزئۇچانلار ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «رابىيە قادىر ۋە بەزى دوستلىرىغا تۈركىيە ھازىرغىچە ۋىزا بەرمەيۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن رابىيە قادىرغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. تۈركىيەنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ ھالەتنىڭ تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇر رەئىسىمىزگە چاقىرىق قىلماقچىمەن. دۇنيادا رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمىگەن ئىككى دۆلەت بار: بىر خىتاي، يەنە بىرى تۈركىيە. ھالبۇكى، تۈركلەرنىڭ ئەسلى ۋەتىنى تۈركىستاندۇر. بۇ ئەجداد يادىكارىغا ساھىب چىقىش تۈركىيە سىياسىتىنىڭ زىممىسىدىكى قەرزدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەزلۇم خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۈستىمىزگە ئېلىش بولسا، ھەممىدىن ئاۋۋال بىر ئىنساننىڭ ۋىجدانى قەرزىدۇر.»