خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى - خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا

0:00 / 0:00


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى باھالاپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يىللاردا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە ناچار دەپ باھالىنىپ تىزىملىككە ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇ يىلمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. مانا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتايدا بولسا ۋەزىيەت تېخىمۇ چېكىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ھەم شۇنداقلا باشقا مەۋجۇت دىنلارمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا جەمئىي 9 دۆلەت «پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش - ياكى ئىشەنمەسلىك، ئۆزى خالىغان دىنغا ئىشىنىش، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئوخشاش تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىدىغان، دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە ناچار دۆلەتلەر» دەپ باھالانغان. بۇ 9 دۆلەت مەزكۇر كومىتېتنىڭ سۇنغان تەكلىپى ئاساسىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ دۆلەتلەر خىتاي، بېرما، ئېرىتېرىيە، ئىران، شىمالي كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىن ئىبارەت. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يەنە سۈرىيە، پاكىستان، تاجىكىستان، ئىراق، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىشتىن سۆز ئېچىشنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : ئۆتكەن يىلى بىز بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىدە بىر ياخشىلىنىش يوق دىيەرلىك. بىز خىتاي ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىچە تېخىمۇ كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى كۆردۇق.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، خىتايدىكى ئومۇمىي دىنىي ۋەزىيەت بايان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر، تىبەت، پروتېستانت، كاتولىكلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ۋەزىيىتى ئايرىم - ئايرىم باھالاپ چىقىلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالار ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ساھەلەرگە قاراتقان قامالىنى ئاشۇرغان. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، كاتولىكلار، پروتېستانتلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارغا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بېسىم قىلغان. ئۇلارنى قولغا ئالغان، جەرىمانە قويغان، ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان، تۈرمىگە قامىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان يەرلىرىنى بۇزۇپ - چاققان. كاترىنا لەنتۇس خانىم ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن سۆز قىلغان كىشىلەرنىمۇ قاماققا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىسال ئېلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مانا بۇ سەۋەبلىك «بۆلگۈنچىلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، دېدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق دىنىي تەشكىلاتلار مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممىسىنى ئوخشاش تەقىپ قىلىپ، ئوخشاشلا بېسىم ئاستىغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكىنى كۈچەيتكەن. ئەمما بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتايدا ھازىر دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىلغان قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن :

- 2014 - يىلى 25 - ماي كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەتىگەنلىك بازاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتتى. يۈزلىگەن - مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىخەتەرلىك تازىلاشلىرىدا قولغا ئېلىندى ۋە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» دېگەندەك ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغان جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كىيىم - كېچىكى، شەخسى نەشر قىلىنغان ئىسلام كىتابلىرى، يىغىلىش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللار» قاتارىدا قولغا ئېلىندى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى... ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بىر قانچىلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى. ئاتالمىش قانۇنسىز ئىماملار ۋە دىنىي زاتلار قولغا ئېلىندى.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن يەنە بىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل ئىچىدىمۇ تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەشكە ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كادىرلارنى روزى تۇتۇشتىن، ئىپتار بېرىشتىن چەكلىگەن. ھەتتا بەزىدە رامىزان مەزگىلىدە زىياپەت بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ روزى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا دىن بىلەن دىنىي رادىكاللىقنى ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەپ، بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تېررورچى قالپىقى كىيگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ ۋە قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق بىلەن كۈرەش» دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا بىر قانچە پىكىر - تەكلىپلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئۇچرىشىشلاردا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىش، تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بارلىق ئورگانلار خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، خىتايغا ئۆزى قول قويغان خەلقئارا نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كاترىنا لەنتوس خانىم ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىملىقىغا قارىتا ئىزاھات بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم، ئىجتىمائىي سۈركىلىشلەردىن ئۇزاق، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى ئورنىنىڭمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئەمما دىنىي ئەركىنلىك بولمىغاندا بۇنىڭ مۇقىمسىزلىققا ۋە تېررورلۇققا كەڭرى زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم بىر پاكىت، دېدى. ئۇ مۇقىمسىزلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاخىرىدا بېرىپ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىش، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.