ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىت دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولاش ۋە ھەتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا سولاشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋال سترېت ژۇرنىلى ۋە بوزفىد ژۇرنىلى قاتارلىق داڭلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىككە تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەم نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلغان.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ماركو رۇبىيو ۋە كومىتېت مۇئاۋىن باشلىقى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماركو رۇبىيو سۆزىدە، ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن خىتاي پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قول تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك نازارەت تورى شەكىللەندۈرگەنلىكى، ئون مىڭلاپ ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ قان تىپى، كۆز ئالمىسى تۈرلىرىنى ۋە گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى ئېيتىپ: «ئاھالىلەر سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنماقتا، سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولسا شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. كەڭ نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق ھەربىر ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەقىب قىلماقتا. بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رادىكاللىشىش ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رولى ئوينايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت بولسا باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ ئومۇملاشقان نازارەت ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى بولسا بىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر مەسچىتلەرنى سىياسىي تەشۋىقات مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىشىمۇ دىنىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق. بۇ سىياسەتلەر ئەكس تەسىر يارىتىش خەۋپىگە ئىگە بولغان، بىخەتەرلىك ئورنىغا مۇقىمسىزلىق ۋە نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىياسەتلەردۇر» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى يۇقىرىدىكى بۇ باياناتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئورگاندىن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئەڭ تەپسىلىي بىر بايانات، دەپ باھالىدى. ئۇ سۆزىدە، يۇقىرىدىكى ئورگاننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ئورگانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا سىياسەت سەھنىسىدىكى چاقنىغان بىر يۇلتۇزلۇقىنى، كېلەچەكتە ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا نامزات دەپ قارىلىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر باياناتتا، تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دەك ئائىلە ئەزاسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مىسالى»، دېگەن. مەزكۇر باياناتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيتىلىۋاتقان يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى، مىسىر، تۈركىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى ھەمدە يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدىن سان چۈشۈرۈپ بېرىشتەك ئەھۋاللار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. باياناتتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلاشقاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆكتىچىلىك پائالىيەتلىرى، دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلەرنىڭ يىغىلىش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ باياناتتا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرمۇ - بىر تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ باياناتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى رادىكاللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ھەممە كىشىنىڭ «قاباھەتلىك چۈشى» گە ئايلانغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بولسا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ مەركەزلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «پاكىتلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ‹قايتىدىن ياساپ چىقىش› دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن پەقەتلا تېخنىكىغا تايانمايۋاتىدۇ. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزى ‹مەسىلە› دەپ قاراتقان مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىمەن، دەۋاتىدۇ. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل نوپۇسنى ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بولغان ۋە كاشىلا پەيدا قىلىدىغان تەدبىر. قانۇنسىز بولغان ھەم ھېچقانداق نازارەت ۋە تەڭپۇڭلۇق بولمىغان بۇنداق ئۇسۇل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يان تەسىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ» دېدى.
0:00 / 0:00