دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى يەنىلا غۇلغۇلا تېمىسى بولماقتا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيەدە ساقچىلار تەرىپىدىن 3 سائەت تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنىلا قىزىق تېما بولماقتا.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 26-ئىيۇل ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن گۇۋاھلىق بېرىش مەخسۇس يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى، رىمدىكى دىگوس دەپ ئاتالغان ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئۈچ يېرىم سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە بۈگۈنگىچە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە ئوخشاشلا كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىتىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قىزىق تېمىغا ئايلاندۇرماقتا.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تەسىر قوزغاپلا قالماي، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا. بىز بۈگۈن بۇ بەس -مۇنازىرىلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، غەربتىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىدىن بۇ ھەقتە مەلۇماتلار سوراۋاتقانلىقىنى ۋە تۈرلۈك خەۋەر، ئانالىز ماقالىلىرى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىتالىيەدە ئۇچرىغان توسالغۇ ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ئىتالىيەدەك دېموكراتىك بىر دۆلەتتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىتالىيە ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قولى بارلىقىنىڭ شۈبھىسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، بۇ قېتىمقى ئىتالىيە ۋەقەسىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىگە قارىتا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيەدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى خەلقئارا ساقچىغا تېررورىست قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى ۋەقەنى دۇنيا جامائىتىگە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇندىن ئىلگىرىمۇ شۋېتسارىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر چېگرالىرىدىن كىرىشتە توسۇلۇپ، ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. مەسىلەن، كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ۋە ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ، يىغىن ھەم مۇكاپات ئېلىش مۇراسىملىرىغا قاتناشقان ئىدى.

ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى قەيت قىلىشتى.