پارىژدا 3 كۈن داۋاملاشقان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، دېموكراتىك خىتايلار تۆت تەرەپنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىشتى.
21-ئاۋغۇست پارىژدا باشلانغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشتى. تىبەت، ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ھەمدە تەيۋەنلىكلەر يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئورتاق قارارلار ماقۇللاپ، تۆت تەرەپنىڭ كېلەچەكتىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەت بىرلىكىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلىرى توغرىلىق پىلانلار تۈزۈشكەن.
4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغان10 دىن ئارتۇق تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 3 كۈنلۈك بۇ يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئاتسوك لۇكار جام ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «تىبەتلىكلەر ئۈچۈن مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-ئەگەر خەلقنىڭ تاللىشى بىلەن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادە قىلىنغان بولسا، مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلىش، ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، دېگەن گەپ. بىز ھەر يىلى بىر قېتىم خەلقئارالىق تىبەت مۇستەقىللىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. ئۆتكەن يىلى نيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن 3-قېتىملىق يىغىنىمىزمۇ ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم پارىژدا ئۆتكۈزگەن 4-نۆۋەتلىك يىغىنىمىزغا ئۇيغۇر، موڭغۇل ھەم خىتاي دېموكراتلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق. بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرلىك ئەربابلىرى ناھايىتى ياخشى دوكلات ھەم مەسلىھەتلەرنى بەردى. بۇندىن كېيىن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق پائالىيەتلەر ھەققىدە كېلىشىملەر تۈزۈلدى. مەنچە، بۇ قېتىملىق يىغىنىمىز ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىدىن ھاسىل قىلغان تەسىراتىنى بايان قىلغاندا، «بىزنىڭ تىبەتلىكلەردىندىنمۇ ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز بارىكەن» دېدى.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-خىتايلار پەيدا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بولۇپمۇ، موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەرنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى كۈنسېرى تارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتايلاردىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، ئەركىن بىر ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل پۇقراسى بولۇپ ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشى جىددىي زۆرۈرىيەت بولماقتا. بىز ھەم قوشنا، ھەم تەقدىرداش مىللەتلەرمىز. تارىخىمىز بىر -بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن. بۇندىن كېيىنمۇ ئايرىلمايمىز. بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن ۋە ئېلىنغان قارارلار كەلگۈسىدىكى كۈرەشلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ئويلايمەن.
تەمسىلتو ئەپەندى يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى:
-بىز ئۆز تەقدىرىمىز ئۈچۈن، بىز موڭغۇللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرمىز. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، جەنۇبىي موڭغۇلىيە تۇپراقلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە، مىللىي يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان يايلاقلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. تەبىئىي مۇھىتلىرىمىز ۋەيران قىلىندى. موڭغۇل مەدەنىيىتى، موڭغۇل كىملىكى يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى. ئاتاقتىكى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنى تىلغىمۇ ئالالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدۇق. مۇستەقىللىقتىن باشقا ھېچبىر چىقىش يولى يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي زىيالىيسى مۇنداق دەيدۇ:
-چەتئەلدە بىر قىسىم ئازسانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر يىغىنغا قاتنىشالىغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلار ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. مەيلى ئۇيغۇر، تىبەت ياكى موڭغۇللار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىش، مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشاش ھەققى بار. دۇنيادا باشقىلارنىڭ نە ئىنسانىي ھوقۇقىنى، نە ئىگىلىك ھوقۇقنى تونۇمايدىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەت يوق. باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ئارقىدىن «بۇ زېمىن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىدى» دەپ تۇرۇۋالىدىغان، بېسىۋالغان زېمىندىكى خەلقنى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللاردا قىينايدىغان كوممۇنىستىك خىتايدىن باشقا يەنە بىر ھاكىمىيەتنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى، ئەڭ توغرا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر تاللاش. مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن قوللايمەن ۋە يار-يۆلەكتە بولىمەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە تەيۋەن ۋەكىللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ھەمكارلىقلار ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00