14-نويابىردىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 28-نويابىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇ بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ياپونىيە زىيارىتىنىڭمۇ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى، بۇ نەتىجىنىڭ بېشىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى تونۇتۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۇيغۇر دەۋاسى سېپىگە قوشۇشتىن ئىبارەت جىددىي بىر ئېھتىياجنى ئورۇنداش قەدىمىنىڭ بېسىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋام قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغان مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارەتلىرى ئەسناسىدا ئاۋسترالىيە دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولىدىكەن. بۇ زىيارەت گۇرۇپپا شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇئىسا خانىملار ھەمدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىمۇ ھەمراھ بولىدىكەن.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى جۈرئەت ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختالغاندا بۇ قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە ئاۋسترالىيەنىڭ 4 چوڭ شەھىرىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ئاۋسترالىيە زىيارىتى جەريانىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.