«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقلارغا سوزۇلغان قولى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ «ئۇزۇن قول» نىڭ ھەر ۋاقىت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېتەكچىلىرىنى نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ كىشىلەرگە پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ھېكايىلەردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى.
16-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ «ئۇزۇن قول» بىلەن يەنە بىر قېتىم روبرو تۇتۇشتى: بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇنقى تەكلىپكە بىنائەن شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابىدا چاقىرىلغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە پۇقراسىلىق سالاھىيىتى بىلەن نيۇ-يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىنى «ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بىر مۇھىم قەدەم،» دەپ قارىغان دولقۇن ئەيسا ئويلىمىغان يەردە يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈنمەس «قوللىرى» نىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن يىغىن زالىغا كىرىشتىن مەھرۇم قىلىنغان. ئەمما يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەر دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدا بولسۇن.
0:00 / 0:00