20-فېۋرال ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە باشلانغان «10-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالىي يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ب د ت مەركىزىدە بۇ يىغىندىن كېيىن 3 كۈن داۋاملاشقان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ مەلۇمات بېرىشىچە، ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىدا، ب د ت مۇھاجىرلار يۈكسەك كومىسسارلىقىدا ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىكلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش يۈزىسىدىن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىختىيار قىلغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دوكلاتلىرىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تاپشۇرۇشى شەرت بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر دوكلات تەييارلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
21-فېۋرال دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسارىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ھەمدە بۇ يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا، شۋېتسارىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەت جەريانىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» توغرىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللامغا ئوخشاش دىنىي ئۆلىمالار مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 22-فېۋرال كۈنى ب د ت مۇھاجىرلار يۈكسەك كومىسسارلىقىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى جەريانىدا، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە، بۇلغارىيە، تايلاند ۋە مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىغا ب د ت نىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا ئېلىپ بارغان بۇ 3 كۈنلۈك پائالىيەتلىرى جەريانىدا يەنە، بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن. د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللارنى ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۈنۈم بېرىدىغان بىر شەكىلدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ب د ت دا كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. ئەلۋەتتە، خېلى جىق ئۇچرىشىشلار يېپىق ئېلىپ بېرىلدى ھەم سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى تەلەپ قىلىندى. چۈنكى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى لوبى پائالىيەتلىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، 3 كۈنلۈك بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش ئىمكانىمىز يوق. ئەمما يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈۋاتىمىز. بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتىدۇ.»