د ئۇ ق رەئىسى شىۋېتسىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا شاھىت بولغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ كۈنى كەچتە شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئۇ 5-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن شىۋېتسىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن.

سىتوكھولم شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 5-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆزىتىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغان ھەمدە سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سىرتقا ئۇچۇر بەرمەسلىك شەرتى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى دولقۇن ئەيسانىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ شىۋېتسىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىر قاتار ئەھمىيەتلىك كۆرۈشۈشلەردە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نىجات تۇرغۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بۈگۈن شىۋېتسىيە دۆلەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغاندىن باشقا يەنە شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ 6-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ 3-سېنتەبىر باشلانغان ياۋروپا زىيارىتى 20-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى خادىملىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل 11-ئايدا ب د ت دا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا دۆلەت ۋە جامائەت پىكرى ھازىرلىماقتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى 6-نويابىر جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ھەمدە د ئۇ ق تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇندا يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» گە سەپەرۋەر قىلىدىكەن.