«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 26-نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئىتى يىغىنى 23-مارت كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلاندى. 19-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق ئىدارە ھەيئەتلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
مەلۇمكى، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» 1991-يىلى گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى «خەلقئارا ئادالەت سارىيى» دا ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن باشلىق 4 كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ھازىر 44 دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ئەزا بولماقتا. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىلگىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قانچە قېتىملىق رەئىسى ۋە باش كاتىپى بولغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 2017-يىلى 6-ئايدا شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتىيىدا بۇ تەشكىلاتقا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغان.
يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆتكەن 6 ئايلىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلىش ۋە كېلىدىغان 6 ئايلىق پائالىيەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋاكالەتچىلىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان لېتۋا، لاتۋىيە، ئىستونىيە، كوسوۋو، شەرقىي تېمۇر، سومالى قاتارلىق ئەللەر ھازىر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردۇر. UNPO تەركىبىدە ھازىر تەيۋەنگە ئوخشاش يېرىم مۇستەقىل دۆلەتلەر ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.
UNPO خادىمى توماسو ئەپەندىمۇ يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، UNPO نىڭ يىلدا 2 قېتىم ئىدارە ھەيئىتى يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق يىغىنىغا تەيۋەن ۋەكىلىدىن باشقا، ئومۇمىي قۇرۇلتايدا سايلانغان تەشكىلاتنىڭ 11 نەپەر ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىن ئۆتكەن ئايلاردىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىرىنى قارارغا باغلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەمسىل قىلماقتا. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق بىلەن زىچ ئالاقىلاردا بولۇپ كەلدۇق ھەمدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ UNPO دا بولۇشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولماقتا.»
2 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، UNPO نىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا كۆپ روللارنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ يەنە بۇندىن كېيىنكى UNPO بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ پىلانلىرىنىمۇ تۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، قىرىم تاتارلىرى قاتارلىق مۇستەملىكە مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ بەزى پىلان-پروگراممىلار تۈزۈلگەن.