11-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ميۇنخېن ئۇيغۇر ھەپتىسى» ناملىق پائالىيەت باشلانغان ئىدى. بۇ پائالىيەت ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىدىن سىرت «ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچرىشىشى» نامىدا يەنە بىر پائالىيەتمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» ناملىق مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا 23 دۆلەتتىن كەلگەن 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قاتناشماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلار چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ۋەتەندىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن تەركىب تاپقان.
بۇ پائالىيەتتە ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار بىلەن يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان «ئەۋلادلار دىئالوگى» نامىدا ئۇچرىشىش ئۇيۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 10-نويابىر كۈنى بولسا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى بۇندىن كېيىن قانداق ئىلگىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى ئىكەن.
بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى بۇنداق ئېغىر بولۇۋاتقان شارائىتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى، قېرىنداشلىقنى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىسى شەھرىزات غەيرەتكىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇرۇن ياشلارنىڭ ئۆزئارا تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، دەۋا قىلىۋاتقان بولسا، بۇ قېتىم دىدار كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىزى ئاييۇلتۇز بۇ يىغىنغا كەلگەندىن كېيىن دەۋاغا بولغان ئۈمىدىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ياپونىيەدىكى ياشلارنىڭ دەۋاغا قىزىقىشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى، ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى دەۋا سېپىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇرېھىم توختى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇتەخەسسىسلەردىن ياشلارنىڭ بۇندىن كېيىن نېمە قىلىشى توغرىسىدا نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى دېدى.
«ميۇنخېن ئۇيغۇر ھەپتىسى» 8-نويابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى» مۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە. «ميۇنخېن ئۇيغۇر ھەپتىسى» 10-چېسلا كەچتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشماقچى.